作词 : 无
作曲 : 无
歌手:穆拍 / 作词:穆拍 /后期:穆拍 /
كەلسە ، باھار . كەينىدىنلا ئەگىشىپ كەلدى ، زىمىستان .
ئەسىر زىنھار بولدۇم ، مېھر كەلمەس ، گۈلىستان .
مەن بىمار ئىس تۈتەككە ئەگىشىپ مڭ رەت ئېزىققان .
سەۋەب ، چۈنكى ، تەقدىر كۆپكە جەم, ئاخىرىغا قويۇپ ئىمتىھان .
چىراغ نۇرىغا ئەگىشىپ ئۇچقان پەرۋانە ئويلىماس ، كۆيۈشنى .
يۈرەككە قاتقان . ئازابقا پاتقان ئەركەك ئۇنتۇيدۇ كۈلۈشنى .
ھايات ئۈچ كەل . سالسىمۇ قولغا ئامەت ، قاچسىمۇ ئوڭدىن سولغا .
ئۆمۈر بىر رەت ، ئىنسانغا . ئەمما ئىزچىل ساقلايدۇ ئۆلۈشنى .
قاراڭغۇ ئۆيدە تەنھامەن ھەمراھ ماڭا زەي ئارىلاشقان ھاراق .
بەخىتلىك ھاياتنى قوغلاپ ، يۈگۈرۈپ جانسىزلاشتى ، ئاياق تالاي قاناپ
ئەسلىدە بالىلىقنى ئەسلەپ كۆزلىرىم نەم تورۇستىن ئۈزمەي ، قاراپ .
چارچىغانغا ئۇنىمايدىكەن ، ھاياتمۇ توختىماي سىناپ .
كۈلكىگە خۇشاللىققا رايىم يوق ، پەقەت . ياشىغىنىم ئەھمىيەتسىز تايىنى يوق .
كۈن چۈشكەندە مۇشەققەتە جانسىزلاشتىم دالدا ئەمەس ، سايىمۇ يوق .
سۇسىزلاندىم ، ئەتراپتىكى دەريا قۇردى ، قۇدۇق بېشىغا بارغۇدەك ھالىم يوق .
كۈتكىنىم شۇ سۇ ئاستىغا چوڭقۇر چۆكسەم . باشقىچە ئارتۇق تامايىم يوق .
چۈشۈمدە بوۋام يېنىغا تارتىپ كەلگىن ئوغلۇم دىگۈدەك
قولىدا بىر پارچە خەت تۇراتتى ئۆچۈپ كىتىپتۇ تۇنۇمىغۇدەك
ئۇنۇتتۇڭ سەن ئۆزۈڭنى دىدى چۈشەنمىدىم مەن بالا گۆدەك
توغرا قويۇن ۋەسۋەسىدە مەن دۇنياغا بولدۇم قارا دىدەك