作词 : The Tech Thieves/The Tech Thieves
作曲 : The Tech Thieves/The Tech Thieves
歌手:穆拍
作词:穆拍
后期:穆拍
توغرا ئەتىراپ ھەرخىل رەڭدە كۆرمىگەننى كۆرۋاتىمىز
يول يوللاردا پىتنە پاسات بىلمىگەننى بىلىۋاتىمىز .
چېكىدىن ئاشقان ئىسىراپچىلىق يوقسۇلدىكى يوقسۇزچىلىق .
بىلىپ تۇرۇپ ھەممىنى بىلمەسلەرگە سېلىۋاتىمىز .
كۆزى ئوچۇق كور بولدۇق تۆت كۈنلۈكى با زامانىمدا .
گۈل سۇغارغان ئەقىل روھىمۇ تۇرالمىدى ئارامىدا .
بىلەلمىدىم بۇ قاينام ،شۇنچە چوڭقۇر نېمە مەقسەتتە ؟
كۆپ نەرسىلەرنى چۈشىنىۋاتىمەن ، بۇ ھاياتىم داۋامىدا .
قالاق ئىدىيەنى تاشلا ، تەرەققىياتقا ئەگەش دېدى .
ئەخلاق پەزىلەتنى يوقىتىپ ئەمما ئادىمىيلىكتىن كەچ دېدىما؟
كىيىم پۈتۈن قورساق توق، باي باياشات ياشا دېدى .
سورۇنلاردا بۇزۇپ چېچىپ ،ئىسراپخورلۇق قىل دېدىما؟
توغرا زامانىم ئەركىن، بەختىيار تۇرمۇش كەچۈر دېدى .
كىچىككىنە مەنپەئەتنى دەپ بىر بىرىڭنى تەپ دېدىما؟
ياخشى كۆرۈشكە يول ئوچۇق، ئاشىق بولساڭ بولىدۇ دېدى .
مۇھەببەتنى دەستەك قىلىپ ، سەبىي قىزنى بۇز دېدىما؟
ئاتانا دەيدۇ قىش ياز ئىشلەپ ، ھەممىسى بالام ئۈچۈن .
بىز پەرزەنتلەر بۇزۇپ چېچىشقا شۇنچە ئامراق ، نېمىشقا ؟
ئۆز يارىمىز ئەتراپىمىزدا ،پەرۋانە بولىدۇ بىز ئۈچۈن
خۇشاللىقنى باشقىلاردىن ئىزدەيمىز زادى نېمىشقا
ئاقىل توغرا ئىيتىدۇ ئاخىرلاشماس سورۇن يوق
ئەقىلنى ھىسيات ئۈستۈگە قوي ئاندىن بولىدۇ يول ئوچۇق
بولدى ئۆتكىنى كەتكەن بولسۇن ساقتىلىقتا يۈرمە
ئۆزۆڭنى سولاپ قارا قەپەسكە يالغان كۈلۈپ يۈرمە
ئۇنىڭ بۇنىڭ ئازدۇرشى بىلەن ئۆتتى ئۆمرىڭ مۇش پېتىم
ئېغىزىدىن سۈت تىمىپ تۇرغان بالىلا بولدى يىتىم
ئۆز نەپسىڭگە چوغنى ئاز تات كۆيمىسۇن تىلىڭ
ئۇشبۇ ھايات دېڭىزىدا پاك يۇيۇنسۇن دىلىڭ
بىلىنى باغلىمىغان ئەركەك تاغ داۋاندىن ئاشالماس
خېنىم مىجەزدە نازلانسا ئەرلىك ئۇنىڭغا ياراشماس
ئىتمۇ جېنىدا ئۇنىڭدىن بىر سۆڭەكنىمۇ تالاشماس
چۈنكى ئۇ ئەقىل ھۇشۇنى يۇقاتقان بىر يارىماس
ئويناپ تۈگمەس ئويۇنلار ئېلىپ كىلەر خېيىم خەتەر
ئۇچقۇن بولۇپ كۈن كۆرسىتەر ھايۋاندىنمۇ بەتتەر
ئەجدات ۋارىسى تەربىسى ئانىلاغا باغلىق
ئۆز قولۇڭدا تۈگەشمىسۇن بۈك باراقسان بوستانلىق
تۆت تەرەپكە تەڭ چاپقۇدەك بۆلۈپ باققۇم با ئۆزۈمنى
مەشئىلى ئۆچۈپ بولدى ئوتقا ئۆزگەرتكىم با كۆزۈمنى
نەچچە مەرتەم بولۇپ كەتتى ئاغۇندا ئەقلىڭ ئاقسىدى
جەمىيەت ئىلغىدى قلمىشىڭنى بىرنى بىردەپ تاسقىدى