作词 : 穆拍
作曲 : 穆拍
ئۆتمۈشۈمنى سۆلەپ بىرەي ساڭا دۇنيا يىغلىما
كۆرگىنىمنى سۆزلەپ بىرەي ساڭا دۇنيا تىللىما
ئىنتىزارىم ۋەسۋىسىدە ساڭا قىلدىىم ئىلتىجا
سۆزلىگىنىمىڭ شاكىلىمۇ مۇھىم مېغىزىنىلا تاللىما
كۆزۈمنى ئېچىپ بۇ دۇنياغا كۆرگەن دادام ئانامنى
ھىلىمۇ ئىسىمدە تۆگەم قىلىپ مېنىپ ئوينايتىم دادامنى
كۆزۈمدە ياشتىن ئەسەر يوق خۇشال خۇرام يايرايتىم مەن
خۇددى قەپەستىن چىققان قۇشتەك كۆك ئاسماندا سايرايتىم مەن
ئويغا سالدى مىنى سىرلار بىر بىر لەپ ئېچىلىشى
چەكسىز دۇنيا ئىشىكلىرى چەكلىك ھاياتقا يېپىلىشى
خۇشال كۈنىمنىڭ تۇمان ئارسىدا ئاستا ئاستا يۇقۇلىشى
ئالەمنى يۇرۇتقان قۇياش نۇرى كىچىنى نۇرسىز چەكلىشى
ئانام مىھىرلىك دادام سىھىرلىك ئائىلىدە تۇغۇلغان مەن
مال دۇنيا نام ئاتاق شۆھرەتلەرگە تويۇنغان مەن
بىر ئائىلە كىشىللىرى جەم بولىشى ماڭا خۇشاللىق
كىم بىلسۇن خۇشاللىق كەينىدىن تەغدىر ئېپ كەلدى پىغانلىق
دادام ھاياتى ئىس تۈتەككە باغلىنىپ بولدى تۇمانلىق
ياشلىقى چەكلىمىگە ئۇچۇردى بولۇپ تاش قورغانلىق
ئانام مۇھەببىتى بولغاچ ئۆيدە مىھىرلىرمىز ئۈزۈلمىدى
ئەمما تەقدىر چاقچىقى يامان بالايى ئاپەت ئۈزۈلمىدى
دادام كەتتى قەپەسكە قارا ئالەمگە پالىنىپ
ئانام كۆندى يالغۇزلۇققا ئۆزى تەنھا تاۋلىنىپ
مەن يۈرىمە مەكتەپلەردە خۇددى روھىم چىكەتكەندىك
تىرىك تۇرۇپ خۇددى يۈرەكنى تەندىن سۇغۇرۇپ ئېلۋەتكەندك
شۇنداقتىمۇ مەندىكى ئارزۇ بولۇش ئىدى ساقچى
چۈنكى دادامنى ئازدۇرغان ئىدى ئەخلەت پىس پاس ئاقچى
شۇ نىجىسنى تۇتسام دەيتىم يىلتىزنى قۇرتۇپ نەسلىدىن
قوغدىسام دەيتىم كىشىلەرنى مەينەت زەھەر قەستىدىن
ئاددى ئىنسان بولغاچقا مەن قالدىم چەتتە تاشلىنىپ
مۇئەللىمنىڭ بىر قېتىم ياتلىشى بىلەن كەتتى ھاياتىمدا بۇرلۇش باشلىنىپ
ئوقۇمايمە مەكتەپ شۇنداق بولسا دەپ تاشلىدىم سومكىنى
شۇندىن باشلاپ قولۇمغا ئالدىم نىجىس زەھەر ۋە رومكىنى
ۋاقىتلارنىڭ ئۆتىشى بىلەن بولدۇم ئەسكى بالا
ئانام يالغۇز مەزنۇنغا ئەپ كەلدىم بالا قازا
ئىچىمدىكى زۇلمەت ئوتى ئۆز روھىمنى كۆيدۈرۋەتتى
ياخشى ئىنسان بولۇش ئورنىغا ئەسكىلىك ئۇچقۇننى ياندۇرۋەتتى
يەنىلا كۆيۈمچان ئانام بېشىمنى سىلىدى قايتىدىن
ئۆز قۇلى بىلەن تارتىپ ئەكەلدى چۆل جەزىرە سايدىن
تىلنى ئۆتكۈر خەنجەر قىل دىدى يېڭىدىن باشلاپ باشتىن
ئۈگەتتى ماڭا ئالماسنى ئايرىپ ئېلىشنى تاشتىن
شۇ ۋاقىتلاردا كەتتى چوڭ ئانام كەلمەس ئۇزۇن سەپەرگە
قەسەم قىلدىم مۇمام چىھرىگە ۋىژداننى قوشۇپ ۋەدىگە
ئەمما ئىبلىس ئوتلىرى ئالغاچقا مىنى ئىسكەنجىسىگە
ئازغۇن يولىدا يۈگۈرۈپ چېپىپ بولدۇم ئاسي قەسەمگە
بىلىپ بىلمەي ماڭدىم مەنمۇ دادام ماڭغان يولدا
تۇنۇش لوبەنلە كۆپ بولدى تەييا تۇردۇ ياندا
چىكىملىكلىرگە كۆنۈپ كەتتىم ساقلاپ ھەتتا يانچۇقتا
ئاكىمۇ بولدۇم باللاغا سەپ تۈزۈپ يۈرۈدۇ ئوڭ سولدا
ئۆزۈمنى ئاتتىم بالىلار بىلەن كىچىلىك بەزمە قاۋاققا
بوينىمنى ئەگمەيتىم مەن ھەرگىز ئۇرۇش جىدەل ساۋاققا
يەنە شۇ ئانام مىھرى بىلەن قوينىغا باستى مىنى
ياغلىقىنى ئېلىپ بېشىدىن چىڭ باغلىدى بىلىمنى
شۇ سەۋەپتىن مەنمۇ بولدۇم ئىستانبولدا ئوقۇغۇچى
نۇرغۇن ئۇتۇقلارنى قولغا ئالدىم بولۇپ ئەلاچى
بۇ تەقدىرگى نىمە دىگۈلۈك مەن يەنە ئازدىم كەيىپكە
قان تەر بەدىلىگە كەلگەن پۇلنى ئالماشتۇردۇم ئىس تۈتەككە
مەكتەپتىنمۇ تولا قېچىپ كەيدىم ئىستانبولنى بېشىمغا
توقماق يەيتى كىم يولۇمنى توسۇپ توپا سالسا ئېشىمغا
ئىچپ چىكىپ مەن ئوينىغاچقا قەرزىم چىقتى بېشىمغا
قەرىزنى سۈيلەپ كىلەتتى لوبەن كۈندە ئۈچ ۋاق قېشىمغا
ئانامغا دىمەيلا قايتتىم يۇرتقا نىجىس خۇمارنى باسقىلى
يانچۇقۇمنىڭ يىلى بوش بولغاچ ئەرزان مالنى تاپقىلى
تەمشەلدىم مەن زەھەرنى دەپ ئۆز قېنىمنى ساتقىلى
ئانام تۇرۇپتۇ مىنى ساقلاپ بوينۇمغا تۇمار ئاسقىلى
ئانام كۆز يېشىدىن مەن ئۆزۈمنى قايتىدىن تۇنۇدۇم
ئانام مىھرى زەم زەم سۈيى پاك پاكىز يۇيۇندم
قايتا دەسسىمىدىم مەن ئىبلىس زەھەرنىڭ تورىغا
ئۆزۈمنى قوش قوللاپ تاپشۇردۇم زەھەر تاشلاش ئورنىغا
زەھەر تارىغاچ پۈتۈن تەنگە قىيلاندىم سەھەر تۈندە
كۆردىم دادامنى مومامنى ھەتتا ئەزرائىلنى چۈشۈمدە
قاچان ئويغۇنىمە بىلمەيمە بۇ قاباھەتلىك چۈش قوينىدىن
ئۆزۈمگە ئۆزۈم بىرىپ تەسەللى يىراق تۇرىمە خىيالدىن
غەلبە قازاندىم غالىپ كەلدىم زەھەر ئۈستىدىن مەن
قايتا قىلدىم ۋەدىنى ئۆزەمگە يىراق تۇرىمە كەيىپ قەستىدىن مەن
يېقىن يۇلىسام جېنىمنى ئال مانا مەن تەييا تۇرمەن
ئەمدى قىلە نوچىلقنى زەھەر كۆزۈڭگە ئۆزۈمنى كۆستىمە
چىقتىم بۇ يەردىنمۇ مەيدەمنى كۆتۈرۈپ مەرد قىياپەتتە
ۋىژدانىم بىلەن خاتىمە بىرىپ مىنى ئازدۇرغان قاباھەتكە
ياخشى ياشاش توغرا يولدا مېڭىشنى پۈكۈپ مەن نىيەتكە
قايتىمە دىدىم بالىلىقتىكى ئارزۇ ۋە ساپ ھالەتكە
مىننەددارىم كۆپ مىنىڭ مىنى باققان ئاتا ئانامغا
ئۇنۇتمايمە قېرىنداش دوسنىمۇ يەتتى مىنىڭ ھالىمغا
يەنە بىر قېىم تۆرەلسەم خىزمىتىڭلاردا بولۇشقا رازى مەن
ئۆلۈم كەلسە بېشىڭلارغا ئورنۇڭلاردا قازايى مەن