作词 : AlphaAY
作曲 : AlphaAY
歌手:穆拍
作词:穆拍
后期:穆拍
تالاي قېتىم تاپىلىدىم يۈرەكنى تاتىلاپ ئەزمە
بىر كۆڭۈلنى تۆتكە بۆلۈپ دوقمۇشلاردىن تەرمە
گۈزەل ئارزۇنى پۈكۈپ يۈرەككە يا دىلىڭغا ساممىدى
قسايىڭنىڭ قازاسى قىپ يا بۇ جېنىمنى ئاممىدى
تاتلىق ئۇيقۇدا بىمالالسەن چۈشلۈرۈڭدە ئەركىن
ياپياش تۇرۇپ بولدۇم غەمكىن سەن يۈرىسەن تەمكىن
ئاشىقىڭنىڭ سېغىنىش ختى قالدى ئۈنسىز جاۋابسىز
بەدەللا تۆلەش كۈيۈش بولسا مەن بىرەي ھەددىھىساپسىز
ساپ يۈرەككە داغلا چۈشتى زەردا گۆش قىپ ئىزىدىڭ
ماڭا كەلگەندە قاپاق تۈرۈپ ياتلاپ ئۆزگىنى سىزلىدىڭ
سەن ئاجىز ھەر بىر توقۇنۇشتا سەن يامان يول قويىمە
سۆيگۈمنى كۆمۈپ تەكلىماكانغا باشىم ئېلىپ ئۆزۈم كىتىمە
بىلىپ تۇرۇپ يەتمىدى دىيىش جانغا ئىكەك سالغانلىق
زەھىرىگە كۆنمەي كۆيگەنلىك تىرىنى تەتۈر سويغانلىق
تىرىك ئنسانمۇ مۇردا بولىدۇ يېغىرىنى تاتلاۋەسە
قانائەتتىن سىلكىشى تۇلا ئۆز يارىنى ياتلاۋەسە
غېرىپ كەپەم كەپتىرى شاھ ئوردىغا ئاشىق
شاھ ئوردىغا ئۆزگەرتىمە دەپ جاۋابسز ئۆتتى ياشلىق
خىتاپ قىلىمە بۇ كۆڭۈلنىڭ قاياشىغا ماڭمىغۇلۇق
جاۋابسىز تەر تۆككەندىن ئۆزى يالغۇز قالغۇلۇق
بولسا قاينام ئۆركىشى يار ئىشقىنىڭ دەردى
مۇھەببىتى كىت بولۇپ بېلىقلىرىنى يەردى
يىيەلمىدى ئاچچىغىنى شۇنچە تەجەمبەس كىتلىرىمۇ
ھە دەپ سىلكىۋەسە كىتىدۇ سادىق كۆيگەن ئىتىلىرىمۇ
ئالدى بوران كەينى قۇيۇن چىققان سۆيگۈ شامالى
بىر ئادەمنىڭ داۋام قىلشىغا يوقتۇر كۈچى يا ئامالى
يېرىم يولدا جان تالاشتا ئاچچىقتا بەردىڭ خىتاب
ماۋزۇ تېخى قۇيۇلماي تۇرۇپ پۈتتى رەڭسىز كىتاب
ئۆتتى ياشلىق يېرىمى ئۆزۈمنى گۇناھكار دەيمۇ
ئاچچىغى با دۇنيارىڭنىڭ ئۆزۈمنىڭ گۆشىنى ئۆزۈم يەيمۇ
كۆزۈڭ بىلەن كۆرۈپ تۇرۇپ بولمىدىڭ يەنە قايىل
ھېي دەردىڭدە مەن ساۋاتسىز بولۇپ كەتتىم شائىر