作词 : 穆拍
作曲 : 无
歌手:穆拍/ 作词:穆拍/ 后期:穆拍
ھايات يۇلۇمدا يالغۇز يىگانە يۈرمەكتە مەن
تىرىشماقتا مەن بەزىدە قاقشىماقتا مەن
ۋەزىپەم مەجبۇريىتىم دولامدىن ئىگىز
مىھنەتكە جاۋاب ئۈچۈن ئىزدەنمەكتە مەن
تۇرمۇش بىرىدۇ ئويلىغىنىنى مەن قايتۇرمە تۇيغۇنىمنى
نەدە باكاغا پايدا باكە تەرسىز قورساق تويۇلدىغىنى
ئەسلىتىدۇ بەزىدە يات شەھەردە بوتولكا ئەخلەت تەرگىنىنى
تۇرۇپ تۇرۇپ قەسلەپ قويىدۇ سىناقلىردا سەزگىنىنى
مەندە كام قىيان تاشلاردىن پۈتكەن خىرۇستاللا
مەيلىمنى تاتار بەزىدە غەمسىز ئويناپ يۈرگەن بالىلا
دەۋىر ئۆزگۈرىدۇ ئەمما قانۇنىيەت ئالماشمايدۇ
بۇ يېشىمدا غەمسىز يۈرسەم تۇمۇش ماڭا ياراشمايدۇ
بەزىدە كەگۈلۈك كىلىدۇ كەينى كەيندىن قېتىم قېتىملاپ
قىزىل قارا چىكىتلەرنى قېنىق قويىدۇ تىزىملاپ
بەزىدە قاقشاپ بەزىدە يىغلاپ ئۆتەلمىدىم ئۆتكەللىردىن
ھايات ئالىدۇ جاۋابلىرىنى قانچىلىك تەر تۆككەنلىرىدىن
تۇرۇپ تۇرۇپ ئەتراپىمغا نەزەر تاشلاپ قالىمە
بەزىدە يامغۇردا كۈنلۈكى بار بالىلارغا قىزىقىپ قالىمە
بىردەملىك قىزىقىشلادىن ئۆزۈمنى تونۇپ تارتىمە
ئازدۇرما ھەي تۇرمۇش مېنى ئۆز يولۇمغا يانىمە
ھەقىقى ھايات قەلەمدە بايان ناخشامدا ئايان
تىنىم مۇزلىدى باھىرىمغا تەشنا قۇشلىرىم كەتتى قايان
يۈردۈم ئىگىز پەس ئۇرلۇپ سوقۇلۇپ بۇنى ھىچ كىشى بىلمىدى
ماڭاي دىدىم شامالغا ئەگىشىپ ئەمما مەيدانىم ئۇنمىدى
سالام دىگنلەرگە ئىگىلدىم كۆتۈردۈم بېشىمدىن ئىگىز
موزدوز بولدۇم رەزگىگە ھۆنۈرۈم ئۆتمىدى سۇندى بىگىز
سۆزنى راۋا كۆرمىدى زەڭگى يالغان ھىجىيىپ يۈرىدۇ
نامالۇم ماڭا قايسى ۋاق چىن يۈرەكتىن كۈلىدۇ
ھايات چالىدۇ سازىنى مەن بولدۇم تەڭكەش ئاۋازى
ساقتىلىقتىن ئايرا دۇنيا توۋلاپ كەتتىم سازايى
ئايلاندۇرۇپ ئەكىلىپ تاشلار ئۆز جايىغا مازارى
بىر جان بىلەنلا تۈگسە ماقۇل مەن بۇلاي قازايى
ئەركەكلىكىمگە دۈشمەن بولىدۇ ئېچىنىشتا تۆككەن ياشم
بىر ئارزۇ بولسىمۇ قۇبۇل قىلىڭ يېرىلىڭ تاشىم
ئون قەدەمدە توغرا بولسا بىر قەدەم مەيلى دەيمە
ئۇششاق غەۋغا تالاشلاردىن باشىم ساق تۇرسا دەيمە
قۇرۇق خىيالدىن نېرى تۇر ھېي بىكاغا كىلەر پايدا يوق
خىيالىغا بىرلەشتۈرۈپ ھەرىكەت قىل ھېي ئاندىن بولىدۇ قورساق توق .
ئاغرىشنى ئاز قىل چۈنكى تەقدىرىڭ ئۆز قولۇڭدا .
پاك ئەقىدىنى باغلىغان ھەم ساپ نىيەتلىك ئويۇڭدا
ھايات يۇلۇمدا يالغۇز يىگانە يۈرمەكتە مەن
تىرىشماقتا مەن بەزىدە قاقشىماقتا مەن
ۋەزىپەم مەجبۇريىتىم دولامدىن ئىگىز
مىھنەتكە جاۋاب ئۈچۈن ئىزدەنمەكتە مەن
كۆزلىگىنىم مەنپەئەت ئەمەس ساغلام ئىددىيە
تەر تۆككۈنۈم ئىسپاتى بولسۇن ھەدىيە
ئوڭ چۈشەمدۇ تەتۈرمۇ سىنايدۇ ئامىتى
ئارزۇغا يەتمەك ئۈچۈن لازىم سەۋىر تاقىتى