歌手:穆拍 /作词:穆拍 /后期:穆拍
يىتىم نالىسى يەتتى پەلەككە
داغلار چۈشكەن سەبى يۈرەككە
كىم مىھىر بىرەر سەبىگە
يەنە كىم يىتەر يىتىم دەردىگە
يىتىم يىسىر يات ئالدىدا تىلى قىس
ئۇچىسىغا تاپسا بېشىدا يوق گىلى قىس
مىھىر مۇھەببەتكە تەشنا شۇنداق قۇلى ئوچۇق
ئەمما ئاتا ئانىسى يوق دىلى سۇنۇق
ئۇ يىتىم يەتتە يېشىدىلا تاشلانغان
سېغېنىشنىڭ ئاچچىقلقىدىن جۈپ كۆزى ياشلانغان
بۇ دۇنياغا تۆرەلگىنىگە قىلاتتى نەچچە پۇشايمان
نىمە ئامال ھاياتى شۇنداق باشلانغان
يۈركى ئاچچىق زەرداپ بىلەن ئۆتتى نەچچە تۈن كىچە
نالە قىلار مۇنداق دەيدۇ كەتكەن ياخشى بۇنداق ياشىغۇچە
ئەمما ھاياتلىق قانۇنىيتى ئۇنىڭغا يول قويمايدىكەن
يىغلاپ باقىدىكەن قاقشايدىكەن نىم قىلارىنى بىلمەيدىكەن
تۆت پەسىل ئايلاندى كۈلكە يوق چىھرىدە
ئۇنىڭمۇ ئۈلۈشى بار ئىدىغۇ ئاتا ئانا مىھرىدە
مىڭ ئەپسۇس ئاتانىسىغا تۈگۈل قېرىنداشمۇ يوق
دەردىنى تۈكۈپ يىنىكلىگىدەك بىرە تۇنۇش دوستى يوق
ئۇ ئۆز ئۆزىگە دوس ھەم قېرىنداش
ھاياتلىق يولىغا پەقەتلا ئۆزى سەپەرداش
خىيالى تۇيغۇدا ھەممە يالغان
كۆرۈنەر چۈنكى ئۇنىڭ دۈشمىنىمۇ نېرى قاچقان
ئاستا ئاستا چوڭ بولدى توغرا خاتا يولغا ماڭدى
بەزىلەر ئۇنى يىتىم قارا دەپ تىللىدى قارغىدى
ئاتانا مىھرىگە قانمىغان بالا قانداق بولماقچىدى
قارغىمىساڭلارمۇ خاتا يولدىن يانماقچىدى
ئەمما ئۇنىڭغا ئاچچىق ئەسلىمە ھەمرا بولدى ئونبەش يىل
ئۇنىڭ ھەسىرتىنى بايان قىلىشقا ئاجىز كىلىدۇ تىل
ئەسلى ئىلىگرى رەھىمسىز ئۆتمۈش بولغان ئىكەن
ھەر تۈن كىچە ئايغا قاراپ شۇ ئۆتمۈشنى ئەسلەر ئىكەن
ھەركۈنى ئۆيدە ئۇرۇش تالاش بۇ ئەلەمگە چىدىمىدى
سەۋىر قۇلۋىقىدا ئازاب دېڭىزىدا ئارقىغا قەتتى چىكىنمىدى
مەن ئۆتۈنەي سىلەدىن بولدى ئۇرۇشماڭلا
سەبى تۇرۇپ يىتىم بولمىسۇن بالاڭلا ئويلاڭلا تالاشماڭلا
كۆڭۈل خانە دەپتىرى قاپقارا بولۇپ بۇيۇلدى
قۇياش ئىللىق نۇر چاچسىمۇ قەھىرتان سۇغۇق تۇيۇلدى
تىرىك يىتىم نام كەينىدە ئاچچىق سىرلا يۇشۇرۇلغان
مىھىرسىز ئۆينىڭ دەردىگە ھەم كىشى گىپى قوشۇلغان
ئۇ سەبىنى تاشلاپ يىراق يىراقلاغا كەتتىڭلا
تىرىك يىتىم پەرزەنتىڭلارنى ھەقىقى يىتىم قىلدىڭلا
بىر ئائىلىنى ئىككىگە بۆلۈپ مۇرادىڭلاغا يەتتىڭلا
ئۇ سەبىدە نىمە گۇناھ ، ئەسلا ئويلاشمىدىڭلا
تۆت تام تۆۋىدە ئۇ يىتىم خىيالىڭلاغا كەممىدى
باشقا ئۆيدە پەرزەنتىڭلا با بۇ سىلەگە كەممىتى
كىچىك تۇرۇپ كەم بولدى ئۇنىڭغا ئاتا ئانا مىھرى
تىرىك يىتىمنىڭ يىغىسى تۇلا مۇزغا ئايلاندى چىھرى
نەچچەيىل بولدى يامان گەپ سۆزدەئۇرلۇپ سۇقۇلۇپ يۈرىدۇ
پەرزەنتىڭلا گۇنايىغا يىتىم دارىغا ئېسلپ ئۆلىدۇ
قاراڭغۇ دۇنيا قارا يىتىم بۇلۇڭ پۇچقاق جەلىپكار
ئۇ بالاڭلا بوپتۇ ماقۇل مۇشۇ كۈنلەرگە «ئۇ»سەۋەپكار