作词 : HANTIR/MLD5 Group
作曲 : Faun牟子杰
HANTIR
خىتاپ قىلدىم تۇرمۇشلارغا كۆپ ئۇچرىغان سىناقلاردا
كىچىك ئىشتىن بوشاشمىغىن سەن نەزەر بولسۇن يىراقلاردا
تەڭرىتاغنىڭ ئاسمىنىدەك بولسۇن ئۈمۈت نىيەتلەردە
چىراق كەبى يانغىن دوستۇم كۈچ بولسۇن شۇ بىلەكلەردە
ۋولقاندەك مىھىر بولسۇن سەبىي بالىلار كۈلگۈچە
تىرىش دوستۇم بەل قۇيۋەتمە چىداپ ياشا شۇ كۈنگىچە
رەپ ياڭرىتىپ رىئال توۋلاپ پۈتۈپ كەتكەن ئۈنگىچە
كىچە ئوخلىماي تىكىس يېزىپ ئۇخلىمىغان بىر كىچە
ئاڭلىماققا ئاددى سەن كۆرمىگەن تۇرمۇش
نىشانلىرىڭدىن ئاداشمىغىن سەن قىيىن كۈندە تۈرمۇش
ئاددى ئويلىغان رىئال تۇرمۇش بېسىملارغا كۆمىدۇ
خىيالى بولساڭ سىكوتتىلا ھەممە نەرسەڭ يۈتىدۇ
ھايات دىگەن ئاچچىق نەدە باتتى ھەقسىز تاتلىق
بەزى كىشىلەر ئىشەك مىنسە ئۈزىنى دەيدۇ تۇلپار ئاتلىق
ئاددىي ئويلىغان بەزى ئىشلار مۇرەككەپلىكىدىن قاتلىق
يالغان سۆزلەپ پۇل ئالغاندا گىپى بەكلا تاتلىق
نادامەتلەر قولنى سۇنسا بولدى قولنى تات دىگىن
قىيىنچىلىقتا قاچقانلارنى ئىككىلەنمەي يات دىگىن
پاراغەتتە ئۆتكەنلەرمۇ بىچارىدۇر بىر كۈنى
ئازابەتتە قالغانلارمۇ باي ئۆتىدۇ ھەر كۈنى
شەكلىۋازلىق كۆپەيگەندە ئويغا سالىدۇ
پۇل قاممىغان كۈنلىرىڭدە كويغا سالىدۇ
دەتتىكام دەپ ئاتقىنىڭدا چىقمىغان شۇ تەلەي
كەچ بوغاندا يالاڭ ئاياق يولغا سالىدۇ
مەش تۈۋىدە ئولتاغاندا توڭلىغانسە بەلكىم
ئىشەنىچنى تىلغا ئامما ئىشەنچىسىز ھەركىم
مۇشەققەتتە قالغىنىڭغا ئىچ ئاغرىتماس ھەركىم
سوراپ باقاي جاۋاپ قايتۇر سەن زادى كىم مەن كىم
MLD5-Yusan
كىم بىلىدۇ يامان كۈندە قالغاننى
تۇرمۇشنىڭ بوينۇمدىن مەھكەم چىرماپ سىققاننى
ئارزۇنى تاشلاپ قولغا بازغاننى ئالغاننى
قول قاپارغىچە ھەركۈنى قۇرلۇشتا سىموت چاققانى
تېلىفۇن دا ئاپامغا ئېيتىپ مەن يالغاننى
مەن ياخشى دەپ قۇيۇپ گاھىدا ئاچ قالغاننى
بەخىتلىك بول دىدىم سۆيگەن قىزغا
ھىچ كىشىگە تىنمىدىم كۈزۈمدىن تاراملاپ ياش ئاققاننى
گاھىدا ئۈمۈردىن ئۇزاق بىر كىچىنىڭ ئۈتمىكى
ئاسانمۇ ئۇغۇل بالىنىڭ ياش تۆكمىكى
شۇڭا ناخشىلىرىم ئاھاڭسىز
ئىلھاملىرىم قارار سىز
تۇرۇپ ئويلاپ قالىمەن توغرىدۇ بەلكىم ئۇلارنىڭ يېنىمدىن كەتكىنى
ھەممە ئىشلار ياخشى چاغدا ئاغىنەممۇ ياخشىتى
ئەھۋالىم ئۆزگەرگەندىن باشلاپ گىپىم قەتتى ئاقمىدى
ئاغىنەم قاسساپ سۈڭەك ماڭا ساتقىنى
ۋاپاسىز دوستىن ئىشەك ياخشى ئاكا گىپىڭ راسمىتى
كىچە كىچە ئۇخلىماي نىمىشقا ئولتۇرىمە كومپيۇتېر ئالدىدا
مىنىڭچە ھەربىر ئۇغۇل بالىنىڭ ئۈزىگە چۇشلۇق بىر ئارزۇسى با ئارمانى با
شۇڭا روھنىڭ تەننىڭ تىك تۇرغىدەك دەرمانى با
شۇنچە تىرىشسىمۇ تۇرمۇش چۈشمەي ئىزىغا
قارىماققا ياخشى لىكىن يۈزكوي پۇل يوق يېنىدا
تايانغىلى ھېچكىم يوق تۇنۇش بىلىش نېرىدا
شۇڭا كاللا غەمدە كۈزى تۇرۇپ نەمدە ئېغىر دەملە ئاستا قەدەملە
ئۆلگەننىڭ ئۈستىگە تەپمەك قىلغان نامەرتلە ئۈگتۈپ قويدى
قاپىغىمنى تۈرۈشنى
ئاقماسلارنىڭ يېنىدىن يۈزۈمنى ئۆرۈپ كىتىشنى
ئۈزۈمنى بىلىشنى
يەنە قايتا قايتا ۋازكەچمەي سىناپ بېقىشنى
ھەممىسى تۇرمۇشنىڭ ئۈگەتكىنى