作词 : HANTIR
作曲 : HANTIR
编曲 : HANTIR
سىنى كۆرگەن كۈندىن باشلاپ يۈرەكلەرىم ئىگىس پەس
سىنى كۆرگۈم كەلگەندە كۆردىمغۇ مەن بەكلا تەس
قاچۇرمىغىن ئۈزۈڭنى قاراپ قويغىن ماڭا بىرنى
شۇنچە چوڭ ئالەم ئىچىدە سۈيۈپ قالدىم مەن سىنى
ئاشىقلىقىم بىقارا سۈيۈملۈكۈم سەن يارلا
پەقەت مىنىڭلا بولغىن دۇنيالىقتا چاقناپ پارلا
كەلگۈسىمنىڭ ئەتىسى بولغىن مەن بىلەنلا بەخىتكە تولغىن
مۇھەببىتىمىز يۇلغۇن بولسۇن كەلگۈسىمىز بەخىتكە تولسۇن
تەقدىر بىزنى ئۇچراشتۇردى مۇھەببەتنى بەرسۇن دەپ
ئاددىغىنە ئۇچرىشىپلا بەخىتنى بىللە تەرسۇن دەپ
بىرگە ئۈتۈپ كىلەچەكتە بەخىتلىك جۈپ بولسۇن دەپ
يېزىپ قويدۇم خاتىرەمگە ئايرىمىسۇن تەقدىر دەپ
كۈلۈشلەرىڭ بەكلا ئۇماق ئايدىن ھۆسىن ئالغاندەك
گىرىم قىلىشىڭ ئۇندىن ئۇماق ماڭا مەپتۇن بولغاندەك
كەل قۇلۇڭنى بەر گۈزەلىم ئاددىيغىنە مۇھەببىتىم بار
سىنى سۈيۈپ قالدىم مەن دەردىڭدە ھەم ئاشىق يار
سىنى سۈيۈپ قالغىنىم راس
لىكىن قانداق ئىپادىلەشنى بىلەممىدىم
شۇڭا كۆڭلۈمدىكىنى مۇشۇ ناخشىغا يېزىۋەتتىم
گىرىم قىلساڭ قاراپ قويدۇم كۆڭلىدە مەن بامۇ دەپ
خىجىل بولساڭ نىمدا قىلىدۇ كۆڭلى بەكلا تامۇ دەپ
يۈرىكىمگە ئورنىدىڭىز مۇھەببىتىمنى قۇبۇل قىلامسىز
سۆيگۈ خېتى يازدىم سىزگە مەن ئەسكىنى قۇبۇل قىلامسىز
ئاشىقلىقىم راس مىنىڭكى ئايمۇ ماڭا گۇۋا بولسۇن
بەخىت ئارزۇ تىلەكلەر مۇھەببىتىمىزگە لىقلا تولسۇن
سۆيىمەنغۇ مەن سىنى كۆيىمىگەنمۇ مەن ساڭا
نىمانچىلا يىراق تۇرىسەن قىلغىن ماڭا ئازراق ئاڭا
مىجەزىڭىز قاش كۆزلىرىڭىز سىزگە بەكلا ياراشقان
تۇنجى قېتىم ئۇچراشقاندا مىھىرلىك بىر قاراشقان
ئېپ بىرەي مەن ھەممىنى كۆڭلىڭىزنىڭ تاتقىننى
ھېچكىمگە بەرمىگەنتىم سىزگە بىرەي ۋەدىنى
تەمەننامۇ قويماي ئۈزۈمگە سىزنىڭكىگە قۇشۇلۇپ
ئاچچىقىڭىز كەلگەندە ئۇرۇشمايمە سىزگە بۇلۇپ
تولۇشۇپ ئوينايمىز ئەتە ئۆگۈن سەييادا
زىمىستاننىڭ ئەتىسى ئوينايمىز دەريادا
يازپەسلىدە ئۈجمىنى مەن ئۈزۈپ بىرەي سىزگىلا
مۇھەببىتىم بۇلۇڭ پەقەت چىقماي تالا تۈزگىلا
ئاچچىقىڭىز كەلسە مەيلى بوكىس خالتىڭىز مەن بۇلاي
قىلاممىغان ئىشىڭىز بولسا دەڭ ھەممىسىنى مەن قىلاي
ئەتتىگەندە سەھەر تۇرۇپ ئۇچۇرىڭىزغا مەن قارايمەن
بۈگۈن بىللە تاماق يەيمىز سائەت 2دە بارايمەن
چۈش كۆرسىڭىز چۈشلىرىڭىز ھەر ۋاقىتلا مەن بولاي
ئۆي ماشىنا داچىنى سىز ئۈچۈنلا تەل قىلاي
قۇلۇڭ ئەمبەر كىلەچەكتە تاتلىققىنە تەم بەر
ئۇماققىنە بالىمىز بولسۇن مىھىرىڭنى ھەم بەر
كىچىككىنە ئىش بولسىمۇ ھەممىسىنى ئۈزەم قىلاي
ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆزدەك تۇرمىشىمىزغا ھەل بەر
سەن قەن مەن ناۋات بىز تولىمۇ ماسلىشىمىز
كەلگۈسىدە 11بالىلىق بوپ پۇتبولنى پاسلىشىمىز
تۇرمۇشۇمنىڭ كەلگۈسى سەن تۇرمۇشۇمنىڭ مەناسى
بالىمىز ئۇقۇپ چۇقۇم بولىدۇ باشلانغۇچنىڭ ئەلاسى
مىنىڭلا بولغىن كۆڭلىڭنى بەرگىن سۆيگۈ دەپ قېشىمغا كەلگىن
ئايمۇ سەندەك ئوماق ئەمەس مىنىڭلا بولغىن
تارىخلاردا ئېيتىلغاندەك بەخىت قۇشۇم بولغىن
قانات قېقىپ پەرۋاز قىلىپ باشىمغىلا قونغىن
ھېچكىم سىزدەك كۈرۈنمەس مىنىڭكى كۈزلىرىمگە
ئۈزىڭىزگە بەكلا خاس بەك يارايسە ئۈزۈمگە
سىز ئۈچۈنلا ياشاي بولدى باشقىدىن ھەم كىچەي مەن
تاتلىققىنە زەھەر دەملەڭ سىزنى دەپلا ئىچەي مەن