作词 : HANTIR/MLD5 Group
作曲 : HANTIR/MLD5 Group
MLD5-Yusan
ئەي دۇنيا ساڭا دىسەم مەن ياشاۋاتقان تۇلۇپ تاشقان ئارزۇ ئارمان بىلەن
ئۈلۈمدىن باشقىسى يالغان دىگەنتى مەن ئۇ گەپلەرنى يالغان دىگەن
بىركۈنى ئۈلدىغنىم راس مەن لىكىن مەن بۇدۇنياغا ياشاش ئۈچۈن كەلگەن
بۇنچىلىك قىنىما دۇنيا مىنى تۆت كۈنلۈك مىھمانغۇ مەن
ئاۋال يالغۇز قويدۇڭ ئايرىدىڭ ياردىن جاناندىن
يار يارىلانى ئاڭلاپ يامغۇر بۇلۇپ ياغامدىم دۇنيا ئەمدى
سۈيۈپ سۈيلۈپ تۇرۇپ ئايرىلدىم ئۈتۈپ كەتتى بۇ جاندىن
ئېيت ئۆركەشلىك دەريا بۇلۇپ ئاقامدىم دۇنيا ئەمدى
يۈرسەم گۈلشەن گۈلىستان باغلار ئارا
سۆيسەم مىسالى شىرىن جانان نىڭ نازۇك لىۋىگە
ھەسەت قىلدىڭمۇ ياكى قىزغاندىڭمۇ ھەجەپ جۇدالىقتا قويدۇڭغۇ دۇنيا ئەمدى
يۈزلەر نۇرسىز كۆزلەر خىرە چۈشكۈنلۈك سالدى گىرە
يوقاتتىم ئۈزەمنى دۇنيا كۆپ قىلدىڭغۇ ئاۋارە
لەيلى ۋىسالى مەجنۇنغا ئارمان يىتەلمەي بولدى سەرسان
شۇ كۈننى مىنىڭ بېشىمغا سالدىڭمۇ دۇنيا ئەمدى
جان دىسەم دوستۇم دىسەم باشقا كۈن چۈشكەندە قاشتى
قىلغان ۋەدىلەرنى ئۇنتۇپ مىنى تىرىك دارغا ئاستى
بارىمدا جان جىگەر سۆزلىرى شىرىن شىكەر دوسلۇرۇم
ئەمدى بۇ مىسكىن كۆڭلۈمگە قاتتىق ئازار بەردى
كەلگۈلۈك نىڭ ھەممىسى ماڭا كەلدى
ئۈتۈپ كىتەر بۇ كۈنلەرمۇ چىداي مەيلى
مەيلى ياشايمەن ئەتىكى قۇياش ئۈچۈن
بەلكى دۇنيا ماڭا تاۋلىندىغان بىر پۇرسەت بەردى
HANTIR
توغرا ھايات دىگەن ئەگرى بۈگرى تاناسىپلىق
قان لازىم بولسا ساڭا گەر ئۆزگىرەيدۇ C1تىپلىق
ماڭغان يۇلۇڭ تۈز بولسىمۇ نەچچە يەردە باردۇر چىتلىق
رىئال دىگەن بۇ ھاياتلار بەزى رىئال بەزى سىنلىق
ھايات دىگەن مۇشۇنداق ھەرخىل رەڭدە بويالغان
ئىلمىنىتسىز ئادەملەرمۇ ئىلمىنىتلىق سانالغان
ئىگىز پەس دەپ تۇرۇپ ھاياتلىقتا ياشايمىز
كۆرگىنىڭ 8×4بولسىمۇ 30 دەپ سانايمىز
بەلكىم ئاڭلىغانغا ئىشەن دەيدۇ ئىشەنمىدىڭ
9يەردە قاپسالساڭمۇ 1يەدە ئۇنتۇپ چۈشەنمىدىڭ
ئىگىزلىكنىڭ مۇنارى بەلكىم ھايات دىگەن ئاتالغۇ
ئىسمى ئىللىق لىكىن ئەسلى قىياپەت نەشتەرلىك قانئالغۇ
توغرىلىقنى كۆگەندە سەن خاتالىقنى ئۇنتۇدۇڭ
قۇسقۇڭ توق بولسىمۇ گەرچە يەپ ئىچىپ سەن تويمۇدۇڭ
زىمىستاننىڭ باھارى بولۇپ ياشاپ باقتىڭ غەمكىن
ئىزىلگەننى كۆگەندە سەن تۇرالىدىڭمۇ تەمكىن
ھاياتلىقنىڭ يىلتىزى بىز دەپ تولىغاندا بەلكىم
يىلتىزلارى سېسىغاندا گەپكە ماھىر تىللا تۇتۇلدى
مىھىرلىك ئۆيلەر ۋەيران بۇلۇش گىردابىدا بەلكىم
قانچە بالا ئىزىلىش ئالدىدا بۇ ھاياتقا تۇتۇلدى
ھاياتلىقنىڭ سىموۋلى ئۇزۇنغىنە ئارغامچە بولسا
قانچە ئادەم يېرىمىدا توختاپ قالغاندۇ
ھاياتلىقنىڭ سىموۋلى ئۇزۇنغىنە كىچە بولسا
قانچە ئادەم يېرىمىدا ئۇخلاپ قالغاندۇ
مامكاپ كەبى توزىغان ھاياتلىقنىڭ بەرگىنى
يانچۇقۇمغا سېپ قويدۇم ئاندا ساندا كەلگىنى
دىڭىزدا كىمەڭ بەلكىم ئېچىلماس يەلكىنى
ھاياتتا باش ئاغرىسا تۇتقۇلۇق پەللىنى
ئىنتىلىش يوق ھاياتقا سىنچىلاپ نىمىش قىلاتتىڭ
غادايغان شۇ ئادەملەرگە پەرىقلىق دەپ نام بىرەمتىڭ
قىزىل رەڭنىڭ رەڭگى قېنىق تىگىدە ساپلىق يوقكەن ھېي
ھەممە بوشاڭ ھالەتلەردە بىرمۇ جانلىق يوقكەن ھېي