作词 : HANTIR
作曲 : HANTIR
يامغۇر ياققان كۈن ئىدى دەل ئاشۇ پەيىتلەر
خوشلاشتۇق ئۈنسىز غەمكە پاتقان ئاشۇ پەيىتلەر
پۇرسەتلەر ئۈتۈپ ئەمدى قايتىپ كەلمەسكە
ھەر قانچە قىلسىمۇ ئەسلا ئورنىغا كەلمەسكە
بولدى كەتكىن مىنى ئۇنتۇپلا كەتكىن
مۇھەببەت قىلدى مىنى پەقەتلا غەمكىن
تەمكىن تۇرۇشنىڭ ئەمدى ئورنى قالمىدى
4 يىل بولغان ھېلى ھەممۇ تىزلىرىممۇ تالمىدى
قالمىدى مۇھەببەتتىن ھېچ بىر ئەسەر قالمىدى
مىھرىم گويا ئوتتەك ئىدى لىكىن ئارقىغا يانمىدى
مىجەز خۇلقى بەكلا ئىتتىك لىكىن گۈدەكلىك چىرايدا با
خىزمەت قىلساممۇ ئالدىراشتا لىكىن ھەرۋاقىت خىيالدا با
گۈلۈم دىسەم خۇش بۇلاتتىڭ گۈلنىڭ بەرگى توزىدىمۇ
كىچىدە كۈرەممەيمە دەتتىڭ ئەمدى كىچە يۇرىدىمۇ
گۈل تەبەسسۇم ئىلكىدە كۈلسەڭ يايرار ئىدى خۇش يۈرەك
بولدى ئەمدى كىتىۋۋە بولسۇن ساڭا بەخىت تىلەك
كەتكىن كەتكىن بولدى ئەمدى قايتىپ كەلمە
قانداق تۇرمۇشتا ياشىغىنىمنى مەڭگۈگە بولدى بىلمە
ئاشپەز بولاي دىسەم ۋىللىدە كۈلۈپ ئاشپىزىم بول دەيىتتىڭ
سەۋەپسىز ئايرىلىش بوپ مىنى مەڭگۈگە تاشلاپ كەتتىڭ
گۈزەللىكنىڭ ھەممىسى سەندە مىجەزىڭمۇ خۇش دەيىتتىم
يىگۈم يوق سەي بولسىمۇ ئۈزەمنى زورلاپلا يەيىتتىم
يولنى ئايرىپ مېڭىپسە باشقىدا مەيلى ئەمدى كىتىۋۋە
بولدى ئەمدى ئۆتمۈش قايىتمىسۇن سەن يولىڭغا مېڭىۋۋە
نىشانىمىز ئايرىلدى بۇرۇنقى پۇراق يوقالدى ياشتىن
دىدىم ئەمدى ئۈزۈمگە يىڭى باشلا قايتا باشتىن
يالغۇز ئۆتسەڭ نىم بولاتتى يالغۇزلۇقتا قېشىڭدا كىم با
مۇھەببەت با تۇرمۇشتا باشتا پەقەتلا غەم با
ئاخىرقى بىكەت بولسۇن مۇشۇ يامغۇر ياققان تۈن كىچە
ناخشا قىلىپ ئېيتاي سۆيگىنى يىرتىلغان شۇ ئۈن گىچە
كۈرۈنمەيمە سەنمۇ كۈرۈنمە تىنىق توختىغان كۈن گىچە
بولدى كەتسەڭ كىتىۋۋەرگىن تاكى ئەبەد كۈن گىچە