خۇشتارى بار
ناخشىدا: قەدىرىيە ئەزىز
تېكىستى: مەمەتتۇرغۇن ئەلى
مۇزىكىسى: ئا•ئازاروۋ
ئاككوردلاشتۇرغۇچى : قەدرىيە مۇزىكا ستۇدىيەسى
كۈلگەندە سۆيگەن كۆڭۈل ،
ئوخشايدۇ ياز پەسلىگە.
سۆيۈلسە تەڭداش باھارغا،
گۈل پەيتىگە.
يۈرەكتە سۆيگۈنىڭ،
ئۆزگىچە خۇمارى بار.
باشلايدۇ شېرىن ھېسلارغا،
خۇشتارى بار.
ئەگەردە ئاسرالمىسا،
مۇزلايدۇ سۆيگەن كۆڭۈل .
ئورايدۇ شېرىن ھېسلارنى،
سوغۇق پەسىل .
كۆڭۈلنىڭ پەسىل كەبىي ،
باھار ياز قىشلارى بار.
ھەر كۆڭۈل ئەسلى يالغۇز ئەمەس ،
خۇشتارى بار.
كۈلگەندە سۆيگەن كۆڭۈل ،
ئوخشايدۇ ياز پەسلىگە.
سۆيۈلسە تەڭداش باھارغا،
گۈل پەيتىگە.
يۈرەكتە سۆيگۈنىڭ،
ئۆزگىچە خۇمارى بار.
باشلايدۇ شېرىن ھېسلارغا،
خۇشتارى بار.
يۈرەكتە سۆيگۈنىڭ،
ئۆزگىچە خۇمارى بار.
باشلايدۇ شېرىن ھېسلارغا،
خۇشتارى بار