作词 : Muhtar Bugra
作曲 : Abdulla Abdurehim 阿不都拉
سەن كۈلگەندە كۈلەر گۈل-گىياھ
سايرىشىدۇ مىڭ بۇلبۇل گويا
ئۇلغىيىدۇ تېخىمۇ دەريا
ئامرىغىم كۈلكەڭنى ئۇنۇتالمايمەن
نەۋباھاردا كېلەر ھىدلىرىڭ
خىيالىمدا قىيا قاراشلىرىڭ
دىلدا يانغان بىر قۇياش سۆيگۈ
ئامرىغىم كۈلكەڭنى ئۇنۇتالمايمەن
مۇزىكا
ساڭا ھىچبىر ئازار يەتمىسۇن
چېھرىڭدىن شوخ كۈلكىلەر كەتمىسۇن
بۇ مۇھەببەت يانسۇن ئۆچمىسۇن
ئامرىغىم كۈلكەڭنى ئۇنۇتالمايمەن
يىراقلاردا يانىدۇ گۈلخان
ئۇزۇن كېچە قىينايدۇ ھىجران
سۈبھى دەمدە كۈلىدۇ چولپان
ئامرىغىم كۈلكەڭنى ئۇنۇتالمايمەن
سۈبھى دەمدە كۈلىدۇ چولپان
ئۈمۈدۈم ئۈزۈلمەيدۇ ھەر قاچان
ئارمانىم ھاياتىم سەن ھامان
ئارمانىم ھاياتىم سەن ھامان