作词 : Kadirye Aziz/凯德丽娅
作曲 : Kadirye Aziz/凯德丽娅
يۇلتۇزلاردىن ئىسمىڭنى
يازاي دىسەم ھالىم يۇق مىنىڭ
شۇ كىچە دىدارىڭنى
ئىزلەي دىسەم ھالىم يوق مىنىڭ
سۆزلىرىمنىڭ قەدرىنى ،كۆزلىرىمنىڭ دەردىنى
ھىس قىلالماي ئۆتەمسەن شۇنداق
يىغلىمايمەن دىسەممۇ ،سېغىنمايمەن دىسەممۇ
خىيالىمدىن كەتمەيسەن يىراق
سېغىنىمەن يارىم سېغىنىمەن
سۆيدۈم دىگەن سۆزلىرىڭنى سېغىنىمەن
سېغىنىمەن يارىم سېغىنىمەن
ئاشۇ سۆيگەن كۆزلىرىڭنى سېغىنىمەن
ئېيتقىم كىلەر سېنى كۈتكەن مەنزىلىمنى
ئاچقۇم كېلەر دىلىمدىكى سىرلىرىمنى
يۈرىگىمدە تولۇپ تاشقان سۆزلىرىمنى
قانداق قىلاي خىيالىڭغا يا كىرمىسە
ساڭا بولغان سۆيگۈم مېنىڭ تىنىچ قۇيمىسا
مەيلى بىلگىن مەيلى بىلمە دەردلىرىمنى
ئىزھار قىلالمىسام ساڭا بۇ سۆيگۈمنى
ئىچلىرىمگە يۈتۈپ قالاي بۇ سەۋرىمنى
سېغىنساممۇ دىدارىڭنى يا كۆرمىسەم