作词 : Mamatrhun Eli
作曲 : Dilshat anwar awamuslim
يامغۇرغا تۆكۈلۈش
تېكىست: مەمەتتۇرغۇن ئەلى
مۇزىكىسى/چالغۇلاشتۇرغۇچى: دىلشات ئەنۋەر ئاۋامۇسلىم ( ئاۋام ستۇدىيەسى)
ئاۋاز ئۈنۈم: ئەسئەت راخمان (يامغۇر ستۇدىيەسى)
ئىجرادا: قەدرىيە ئەزىز
تۇرغۇم كەلمىدى يالغۇز ،كۈنلۈك ئاستىدا
ئاققان كۆز يېشىم سىڭدى ،ھەربىر تامچىغا
تۇرغۇم كەلمىدى يالغۇز ،كۈنلۈك ئاستىدا
ئاققان كۆز يېشىم سىڭدى ،ھەربىر تامچىغا
ھەسرىتىمنى تۆكمەكتە ئاسمان ،
چىن سۆيگۈنى ئالدىغاچ يالغان،
سۆيۈلۈشكە يوق پەقەت ئىمكان .
ھەسرىتىمنى تۆكمىگىن ئاسمان ،
چىن سۆيگۈنى ئالدىدى يالغان ،
ئېرىشكىنىم بولدى پۇشايمان .
سوغۇق شامالدىن ئاستا ،تىترەيدۇ تېنىم
ئۈنسىز يىغلىدىم شۇنچە ،بىلمىدى ھېچكىم
سوغۇق شامالدىن ئاستا ،تىترەيدۇ تېنىم
ئۈنسىز يىغلىدىم شۇنچە ،بىلمىدى ھېچكىم
يامغۇر كەبىي كۆزياشلىرىمدا
ئۆتمۈشۈمنى يۇيىۋەتكۈم بار
تېپىۋالغۇم بار ئۆزۈمنى قايتا
ئۆتمۈشۈمنى تاشلىۋەتكۈم بار
كۆز ياشلىرىم توختىغان چاغدا
يۈرەكنى زىنھار قويمايمەن داغدا
ياغىدۇ ھېجران
ياغىدۇ مەندەك تۆكۈلۈپ
ياغىدۇ يامغۇر
ئاغرىيدۇ يۈرەك ئۆرتىنىپ
ياغىدۇ ھېجران
ياغىدۇ مەندەك تۆكۈلۈپ
ياغىدۇ يامغۇر
ئاغرىيدۇ يۈرەك ئۆرتىنىپ
تۇرغۇم كەلمىدى يالغۇز ،كۈنلۈك ئاستىدا
ئاققان كۆز يېشىم سىڭدى ،ھەربىر تامچىغا