作词 : kilassik
作曲 : kilassik
زەپ كۆڭۈللۈك ئائىلە بىز بەختىيار ئىناق
پاك مۇھەببەت بەختىمىزگە نۇر چاچقان چىراغ
قوش يۈرەكتە لاۋۇلدايدۇ ئۆچمەس ئوت پىراق
ئوت پىراقتىن بەرپا بولدى تاتلىق جۈپ ئوماق
جۈپ بوۋاقتۇر بەك چىرايلىق
ئەي، گۈل چېچەك، ئوماق
كۈلكىسىمۇ يىغىسىمۇ
ئەي، ئالتۇن قوڭغۇراق
جۈپ بوۋاقلار شوخ بېلىقتۇر مېھرىمىز بۇلاق
ئۆتەلەيمىز قايغۇ-غەمسىز، بەختىيار ئىناق
سۆيگۈ-ۋاپا گۈلشىنىدۇر بۇ ئانا تۇپراق
پاك گۈزەللىك بەختىمىزگە نۇر چاچقان چىراغ
زەپ كۆڭۈللۈك ئائىلە بىز
ئەي، بەختىيار ئىناق
بىرىمىز شۇ گۈلنىڭ ئۆزى
ئەي، بىرىمىز ياپراق
بىرىمىز شۇ گۈلنىڭ ئۆزى
ئەي، بىرىمىز ياپراق