作词 : kilassik
作曲 : kilassik
ئامرىقىم بىز ئوينىغان قوشماق ئاداش يادىڭدىمۇ
شۇ گۈزەل ئايدىڭ كېچە ھازىرمۇ كۆز ئالدىڭدىمۇ
بىزنى ئالقىشلار ئىدى دەريا داۋالغۇپ ئۇلغۇيۇپ
ئايپەرى ئوينار ئىدى ئالتۇن بېلىقتەك تولغۇنۇپ
مەنمۇ گويا ئاي ئىدىم دەريادا لەرزان لەيلىگەن
بىزنى زەپ شىرىن خىيال ئارزۇغا مەپتۇن ئەيلىگەن
قوش مېغىز تۇتتۇڭ ماڭا ئوينايلى دەپ قوشماق ئاداش
بىز مانا شۇندىن بۇيان قەلبى تۇتاش ئامراق ئاداش
جان...
بىر جاھاندۇر ھەر كۈڭۈل سۆيگۈ ۋاپا نۇرلۇق قوياش
مەڭگۈلۈك سۆيگۈ ئۈچۈن يول ئاچتى شۇ قوشماق ئاداش
جان ئارامى لەززىتى بەغش ئەيلىگەن ياز سەلكىنى
بىزنى ئالغان قوينىغا شىرىن خىياللار يەلكىنى
قوش مېغىز تۇتتۇڭ ماڭا ئوينايلى دەپ قوشماق ئاداش
بىز مانا شۇندىن بۇيان قەلبى تۇتاش ئامراق ئاداش
جان...
بىر جاھاندۇر ھەر كۈڭۈل سۆيگۈ ۋاپا نۇرلۇق قوياش
مەڭگۈلۈك سۆيگۈ ئۈچۈن يول ئاچتى شۇ قوشماق ئاداش
مەڭگۈلۈك سۆيگۈ ئۈچۈن يول ئاچتى شۇ قوشماق ئاداش
ئامرىقىم يادىڭدىمۇ بىز ئوينىغان قوشماق ئاداش
ئامرىقىم يادىڭدىمۇ شۇ قوش مېغىز قوشماق ئاداش