作词 : kilassik
作曲 : kilassik
ئېگىز ئېگىز تاغلار بويلاپ ئاققان شوخ سۇلار
ساڭا باقسام دولقۇنلايدۇ دىلدا ئارزۇلار
قۇلاق سالغىن ساڭا ئېيتار گەپلىرىم تولا
ياشلىق چېغى بويلىرىڭدا يارىم ئىككىمىز
گۈللەر تېرىپ دوست بولۇشقان يېنىپ ئىشقىمىز
سېنىڭ بىلەن چىڭ باغلانغان سۆيگۈ رىشتىمىز
ھەي...
تاغ سۇلىرى سېنى كۈيلەپ قوشاق قاتايمەن
گۈلباغلار ئارا قېنىپ ئاقايمەن
دولقۇنلىرىڭدا باغرىم ياقايمەن
ئەستىن چىقماس شۇ بەختىيار ، شۇ گۈزەل چاغلار
ۋەدىمىزدىن بوستان بولۇپ ياساندى باغلار
ئۆتتى يىللار بويلىرىڭدا قالدى كۆپ ئىزلار