作词 : halik
作曲 : halik
ئىككى توشقان ئاتسىڭىز .
بىرنى ماڭا بەرسىڭىز
ئەجەب يۈرۈكۈم ئاغرىيدۇ .
يولدا يالغۇز ماڭسىڭىز .
مەندە گۇناھ يوق ، ئۆزۈڭدە .
تازا ئوينايمەن كۆزۈڭدە .
يۇقىردىن تۆۋەن بېرىپ .
مەن يارنى كۆرۈپ كەلدىم
چىرايىغا بىر قاراپ .
بۇ جاندىن تويۇپ كەلدىم
مەندە گۇناھ يوق ، ئۆزۈڭدە
تازا ئوينايمەن ، كۆزۈڭدە
شاپتۇلۇڭنى يەيدۇ دەپ
چۆلگە سالدىڭ باغىڭنى
ئالتە كۈنلۈك ئالەمدە
يۈرەككە سالدىڭ ، داغىڭنى
مەندە گۇناھ يوق ، ئۆزۈڭدە
تازا ئوينايمەن ، كۆزۈڭدە