作词 : 米拉丁-买买提
作曲 : 米拉丁-买买提
بىزنىڭ مەھەللە بوستان مەھەللە ، گۈلزارلىق مەھەللە ،
ئىشىكنىڭ ئالدى ئۆستەڭ مەھەللە ، بوستانلىق مەھەللە
مەھەللىلەردە تويلار ئويناپ ، مەھەللىلەردە .
ئەركىن ئويناپ يۈرگەن مەھەللە شوخ كۈلگەن مەھەللە .
ئۇ مەھەللىدىن بۇ مەھەللىگە ئويناي دەپ كەلدىم .
مەيلىڭ بارمۇ مەيلىڭ يوقمۇ سىناي دەپ كەلدىم .
ئانام ياشاپ ئۆتكەن مەھەللە چوڭ بولغان مەھەللە
دادام ياشلاپ ئۆتكەن مەھەللە ، گۈلزارلىق ، مەھەللە .
شۇ مەھەللىدە چوڭ بولدۇق ئۆسۈپ چوڭ بولدۇق
تۇپراقلىرى تۇتىيا مەھەللە بىر گۈزەل مەھەللە .
بىرگە ئويناپ شۇ مەھەللىدە كۈلەي دەپ كەلدىم .
بىرگە ئويناپ ، شۇ مەھەللىدە كۈلەي دەپ كەلدىم
تەشنا يۈرەك ئارزۇسىغا ، ئارزۇسىغا .
تەشنا يۈرەك ئارزۇسىغا يېتەي دەپ كەلدىم