作词 : Ibrat
作曲 : Rozi Abduweli
قاراپ پەقەت تويماي ئۆتتۈم كۆزۈڭگە.
يۈرەك-باغرىم سۇ بولىدۇ سۆزۈڭگە.
قاراپ پەقەت تويماي ئۆتتۈم كۆزۈڭگە.
يۈرەك-باغرىم سۇ بولىدۇ سۆزۈڭگە.
بۇ ئالەمدىن تاپالمايمەن ئۆزۈمنى،
ئەگەر ياقسام يۈزلۈرۈمنى يۈزۈڭگە
بۇ ئالەمدىن تاپالمايمەن ئۆزۈمنى،
ئەگەر ياقسام يۈزلۈرۈمنى يۈزۈڭگە
نىگاھىڭدۇر مىنى ساڭا قاراتقان،
سەن ئەمەسمۇ يۈرۈگۈمنى ياراتقان،
نىگاھىڭدۇر مىنى ساڭا قاراتقان،
سەن ئەمەسمۇ يۈرۈگۈمنى ياراتقان،
ۋۇجۇدۇمغا ھارارەتلەي تاراتقان،
قۇربان بولاي قاشىڭ بىلەن كۆزۈڭگە.
ۋۇجۇدۇمغا ھارارەتلەي تاراتقان،
قۇربان بولاي قاشىڭ بىلەن كۆزۈڭگە.
ۋىسالىڭغا يىتىپ جاندىن كىچەي مەن.
ئۇ ئالەمگە سىنىڭ بىلەن كىتەي مەن.
ۋىسالىڭغا يىتىپ جاندىن كىچەي مەن.
ئۇ ئالەمگە سىنىڭ بىلەن كىتەي مەن.
يۈرۈگۈمنى ئىككى قوللاپ سۇناي مەن،
تۇمار قىلىپ ئېسىۋالغىن بويىڭگە…