作词 : 艾尼 Abdughini Ablët
作曲 : 艾尼 Abdughini Ablët
编曲 : 艾尼 Abdughini Ablët
DNA STUDIO-ئاكورتلاشتۇرغۇچى
گىتتار-مىرسالىجان شاۋكەت
ئانا لىنتا تەييارلىغۇچى-ئىمامجان ئابلىمىت
باھاردەك گۈزەلسەن شۇنداق
يۇلتۇزدەك نۇر چېچىپ تۇرغان كۆزۈڭ ئويناق
سەن قوياشتەك پارلىغان يۈرۈكۈمنى ئوۋلىغان
لەيلى سۆيگەن مەجنۇندەك مەن ساڭا ئامراق
گۈلگە تولسۇن ئالەم شۇنچە
شامالغا جۆر بولۇپ بىز بولايلى بىرگە
بارچە ئىنسان كۈلگەي،ۋىسالىغا يەتكەي
تاھىر-زۆھرە چىچەكلەپ تۇرسۇن ئالەمدە
music
مۇھەببەت شىرىن گۈزەل دۇنيا
چىن-سۆيگۈ قەلبىڭ ئاياندۇر ماڭا
شىرىننى دەپ جاندىن كەچكەن پەرھاتتەك ھەم
كۆڭلۈمنى مەنلا بەردىم ساڭا
مۇھەببەت شىرىن گۈزەل دۇنيا
چىن-سۆيگۈ قەلبىڭ ئاياندۇر ماڭا
شىرىننى دەپ جاندىن كەچكەن پەرھاتتەك ھەم
كۆڭلۈمنى مەنلا بەردىم ساڭا
كىرەكلا بولسام كىرەكلا بولسام يىنىڭدا مەن پەيدا
ھاياتلا بولسام ھاياتلا بولسام ئۆزۈڭگە مەن شەيدا
كىرەكلا بولسام كىرەكلا بولسام يىنىڭدا مەن پەيدا
ھاياتلا بولسام ھاياتلا بولسام ئۆزۈڭگە مەن شەيدا
باھاردەك گۈزەلسەن شۇنداق
يۇلتۇزدەك نۇر چېچىپ تۇرغان كۆزۈڭ ئويناق
سەن قوياشتەك پارلىغان يۈرۈكۈمنى ئوۋلىغان
لەيلى سۆيگەن مەجنۇندەك مەن ساڭا ئامراق
گۈلگە تولسۇن ئالەم شۇنچە
شامالغا جۆر بولۇپ بىز بولايلى بىرگە
بارچە ئىنسان كۈلگەي،ۋىسالىغا يەتكەي
تاھىر-زۆھرە چىچەكلەپ تۇرسۇن ئالەمدە