作词 : 无
作曲 : Abdughini Ablet
编曲 : Abdughini Ablet
ئاكورتلاشتۇرغۇچى-ئابدۇغىنى ئابلەت
گىتتار-مىرسالىجان شاۋكەت
باس گىتتار-مىرادىل
نەي-ئابابەكرى
ساز-روزى جۈمە
ئاۋاز ئۈنۈم،ماستىر-ئىمام ئابلىمىت
بىرى پۈتسە يەنە بىرى كام
تۈگىمەيدىكەن تۇرمۇشنىڭ غىمى
جان توشامدۇ مۇشەققەت تارتسام
تۈگىمەيدىكەن تۇرمۇشنىڭ غىمى
ھەر كاللىدا باردۇر ھەر خىيال
بىرىدە قېش بىرىدە باھار
جاپا چىكىپ ئۆتمىگەن كىم بار
تۈگىمەيدىكەن تۇرمۇشنىڭ غىمى
Music
تۇرمۇش شۇنداق سىرلىق جاي ئىكەن
گاھى قوياش گاھى ئاي ئىكەن
كۆڭلى ئاقلار ئەسلى باي ئىكەن
تۇگىمەيدىكەن تۇرمۇشنىڭ غىمى
ئەل ئالدىدا يۈزۈم بولسۇن دەپ
تۇگىمەيدىكەن تۇرمۇشنىڭ غىمى
Music
قارياغقاندا يامغۇرنى ئەسلەپ
ئۆلۈش ئۈچۈن تۇغۇلدۇق دەسلەپ
ياشىساقمۇ ئوڭ-تەتۈر دەسسەپ
تۈگىمەيدىكەن تۇرمۇشنىڭ غىمى
مۇھەببەت ئۈچۈن جۇپتۇم بولسۇن دەپ
ئىللىق ئائىلە ئۆيۈم بولسۇن دەپ
ئەل ئالدىدا يۈزۈم بولسۇن دەپ
تۈگىمەيدىكەن تۇرمۇشنىڭ غىمى