作词 : 阿布来提.司马伊利
作曲 : 艾尼.赛来
بولمىغاندەك دۇنيادىن رازى
تۇغۇلۇپلا ئەجەپ يىغلىغان
كۆزلۈرۈمدىن ھىچ بىر توختىماي
مارجان بولۇپ تۆكۈلگەن ياشلار
كۆز يىشىمغا چىدىماي ئانام
باسقىنىدا باغرىغا يىقىپ
شاتلانغان مەن ئانا مىھرىدىن
تۇنجى قىتىم ئىللىقلىقىدىن
گۆدەكلىكتە شۇنچە بەڭۋاش ئىدىم
قاخشاتقاندىم گەپ يىمەي زادى
ياخشى-يامان كۈنلەردە ئانام
ئەجىر بىلەن چوڭ قىلدى مىنى
كۈن چۈشكەندە بىشىمغا مىنىڭ
تاپالمىدىم دوسلۇرۇم نەدە
سىنىڭ ئۈچۈن جىنىم پىدا دەپ
ۋەدە قىلغان سۆيگۈنۈم نەدە
guytar solo
گۆدەكلىكتە شۇنچە بەڭۋاش ئىدىم
قاخشاتقاندىم گەپ يىمەي زادى
ياخشى-يامان كۈنلەردە ئانام
ئەجىر بىلەن چوڭ قىلدى مىنى
كۈن چۈشكەندە بىشىمغا مىنىڭ
تاپالمىدىم دوسلۇرۇم نەدە
سىنىڭ ئۈچۈن جىنىم پىدا دەپ
ۋەدە قىلغان سۆيگۈنۈم نەدە
گۇناھ قىلسام كەچۈرگىن ئانا
يىغلىدىڭ دەرت كەلسە بىشىمغا
كىچە-كۈندۈز تىلەپ بەختىمنى
ئەجىر بىلەن چوڭ قىلدىڭ ئانا