作词 : halikning
作曲 : halikning
زەيتۇخاننىڭ قولىدا ئالتۇن بىلەن كۈمۈش بار
سەندەك يارنى تاپقاندا بۇنداق جاننىڭ نېمە ئىشى بار
زەيتۇخاننىڭ چىرايلىق باغ ئىچىدە ئۆيى بار
ئەشۇ باغدا قىپقىزىپ ئېچىلدۇرغان گۈلى بار
ۋاي ۋاي زەيتۇنخان، يارىم زەيتۇنخان
كۆيۈشكەن يارلىرى ئاز قالدى بۇ جان
يارىم بىلەن ئىككەيلەن
بىر مەلىدە چوڭ بولغان
باشتا ۋەدىمىز شۇنداق
ئايرىلماسقا دوست بولغان
ساي، سايىدا ياتامدۇ
ۋاي كىيىكنىڭ بالىسى
ئاناسىغا ئوخشامدۇ
كۆزىنىڭ قارىسى
بىر سەن بىلىسەن بىر مەن بىلىمەن
ھېچ كىشى بىلمەس
تۈنلەر كېچىسى ئول كېچىدە تارتقان ئەلىمىمنى
ئەشۇ باغدا ئۆيەم بار
زەيتۇنخان كۆيەم بار
ئالاي دېسەم پۇلۇم يوق
ئالماي دېسەم مەيلىم بار
ئەشۇ ھويلا بىزنىڭ ھويلا تېرەكلىك
ئىمارەتكە يۆلەكلىك
بولدى ماڭا بەخشەندە
ئوتىڭىزدا كۆيمەگلىك
ئۆرگەلدى جان چۆرگەلدى جان زەيتۇنخان
كۆيدۈرىشىڭ ئۇكىجان ئاندىن يامان
ۋاي ۋاي نازىركوم
باردى دەيدۇ ياندى دەيدۇ مېنىڭ يارىمنى
باشقا ياردىن ئاشتى دەيدۇ بويى تالىمنى
ئىگىز داۋاش ئاشمىغۇنچە مەنزىل كېزىلمەس
قارا يورغا مىنمەگۈنچە دەشتە كېزىلمەس
قارا يورغامنى يورغىلاتقان
ۋاي شۇ ئارغامچا
ئىگەر توقۇم دەشتتە قالدى
بېلىمدە قامچا
غۇنچە بويلۇق زەيتۇنخانغا
چۈشۈپتۇ كۆڭلۈم
ئۇنىڭ بىلەن ئارمانىم يوق