作词 : Gulnaz Tursun
غېمىم بولدى غېمىڭنى يېيىش
بەكمۇ تەسكەن ساڭا خوش دېيىش
چىرايىمدا غەمكىن سارغىيىش
قانداق قىلاي سېنى سېغىندىم
♬♬♬
چۈشۈم بولدۇڭ ئۇيقۇسىز تۈندە
كۆيۈپ كەتتى باغرىم تۈتۈندە
خىيالىم سەن يامغۇرلۇق كۈندە
قانداق قىلاي سېنى سېغىندىم
♬♬♬
كۆيۈپ كۆيۈپ پەسلىگىنىم راست
يۈرۈكۈمنى قەستلىگىنىم راست
ئۇنتۇيمەن دەپ ئەسلىگىنىم راست
قانداق قىلاي سېنى سېغىندىم