作词 : Rena-Mijit
作曲 : Rena-Mijit
رەڭگىم ھەجەپ سامان بۇلدى سەن كىتىپ
ھالىم بەكمۇ يامان بۇلدى سەن كىتىپ
سەن ئىدىڭغۇ ھاياتىمنىڭ بارلىغى
شۇڭا ئۆلۇم ئايان بۇلدى سەن كىتىپ
سىغىناتتىم كۈندە كۆرۇپ تۇرساممۇ
ئەنسىرەيتتىم يىراق يەرگە ماڭساممۇ
يىراقلاشقاش رىشتىمىزدە ئارلىقمۇ
دەدلىرىمگە دەد قۇشۇلدى سەن كىتىپ
يازمۇكەلدى پۇراپ ئەنە جىگدىلەر
يارى بىلەن يۇرەرباغدا ئۆزگىلەر
غىرىپلىقتا ئۆتسە يازىم كۈزكىلەر
ئارمانلىرىم تامام بۇلدى سەن كىتىپ
دۇسلۇرۇممۇ دەيدۇ مىنى يارى يۇق
سۇيگىنىنىڭ بۇنىڭ بىلەن كارى يۇق
ئامال قانچە تەنىلەرگە چارە يۇق
كۈندە ئەلەم جانان بۇلدى سەن كىتىپ
مۇزىكا
سىغىندۇرۇپ قامىتىڭنى جەزبىدار،
بىرلاكىتىپ بۇلۇپ كەتتىڭ كەم دىدار
شاتلىغى ئىدىڭ غەش كۆڭلۇمگە ئەي نىگار
كۆزلۇرۇمدىن ياش قۇيۇلدى سەن كىتىپ
خەيىر جانان كەتسەڭ بىركۈن كىلۇرسەن
كۆيگىنىمنى ھامان بىركۈن بىلۇرسەن
كىرەك ماڭا ھۇجۇدۇڭنىڭ پاكلىغى
پاك ۋىسالىڭ ئارمان بولدى سەن كىتىپ
كىرەك ماڭا ھۇجۇدۇڭنىڭ پاكلىغى
پاك ۋىسالىڭ ئارمان بولدى سەن كىتىپ
پاك ۋىسالىڭ ئارمان بولدى سەن كىتىپ