作词 : muhtar bughra
作曲 : shawkat ishan
编曲 : Xawkat Is'han
بىپەرۋا كۆزلەرگە
شېئرى : مۇختەر بۇغرا
ئاككوردلاشتۇرغۇچى : شەۋكەت ئىسىخان
بىپەرۋا كۆزلەرگە گۈللۈرۈم تىكەندۇر قادالغان
بىپەرۋا كۆزلەرگە باغۋىنىم كۆرۈنەر قارانچۇق
بىپەرۋا كۆزلەرگە گۈللۈكۈم كۆرۈنەر قۇپقۇرۇق

گۈزەل تاڭدا ، يۈزمۇ ئاچتىم ، لەۋمۇ ئاچتىم، پۇراق چاچتىم
كۆزلەر باقماستا ، باغۋەن ئۇقماستا
كۆزلەر باقماستا ، باغۋەن ئۇقماستا
لا لا لا لا لا لاي لا لا لا لا لا لاي
بىپەرۋا كۆزلەرگە سەن مېنى كۆرمىگەن شېرىنچۈش
بىپەرۋا كۆزلەرگە مەن تاڭدا ئۇچۇرما بولغان قۇش
بىپەرۋا كۆزلەرگە پەرىمۇ كۆرىنەر قاناتسىز
بىپەرۋا كۆزلەرگە يېشىللىق ئىكەنمىش ھاياتسىز