作词 : Adila Abliz
作曲 : Adila Abliz
编曲 : 无
پېراق
ھەسرىتىمدىن كەلدىم پېراققا
ئاي يۇلتۇزدىن يالغۇز چېراققا
ھەسرىتىمدىن كەلدىم پېراققا
ئاي يۇلتۇزدىن يالغۇز چېراققا
مەن باھاردەك يىغلىسام جىمجىت
بېلىق ئۆزىنى ئۇردى قىرغاققا
مەن باھاردەك يىغلىسام جىمجىت
بېلىق ئۆزىنى ئۇردى قىرغاققا
ئۇچۇپ چىقتىم يالغۇزلىقىمدىن
شاخلىرىڭغا قونغۇم بار ئىدى
ئىشەنمەيمەن شۇڭا ئەزەلدىن
كىملەر كىمگە سۆيگۈ خار دىدى
ئىشەنمەيمەن شۇڭا ئەزەلدىن
كىملەر كىمگە سۆيگۈ خار دىدى
مەن ئەزىز مەن سېنىڭ ئويۇڭدا
توقا بولدۇم ماڭغان يولۇڭدا
مەن ئەزىز مەن سېنىڭ ئويۇڭدا
توقا بولدۇم ماڭغان يولۇڭدا
كۈزگە كەلسەم بىرتال غازاڭدەك
ئاھ تۇرىمەن يەنە قولۇڭدا
كۈزگە كەلسەم بىرتال غازاڭدەك
ئاھ تۇرىمەن يەنە قولۇڭدا