作词 : Mavlan/ST
作曲 : Tor
ئەسلىدە ئۇچاڭغا كىيگۈزگۈم باتتى ئاپپاق قار كەبى ئاق لىباس
سەندىن ئۈمۈتنى ئۈزگەن شۇ كىچە بۆلەكچە قاراڭغۇ بەك تىمتاس
دېگەنتىڭ قولۇمنى قويۋەتمە ھەرگىز بولغىن ماڭا سەن يار يۆلەك
ئەپسۇس رىياللىق گۈزەل ئەمەسكەن تېلىۋېزوردا بىز كۆرگەندەك
قولۇڭنى قويۋەتتىم ئەمدى ھەرگىز تۇتمايمە بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىڭغا ئۇتۇق تىلەيمەن
خوشاللىقنىڭ ھەممىسىنى ساڭا بېرىپ كەتكەنتىم ئىچىمدىكى قايغۇلارنى ھەرگىز ھېس قىلاممايسە
رەھمەت ساڭا سەن بەردىڭ ماڭا ھەم مۇھەببەتكە توغۇرلۇق ياخشى بىر ساۋاق
مۇھەببەتنىڭ شارابى بەكلا سەرخىل كەيىپى گۈزەل لېكىن تەمى بەك قىرتاق
چۈر دەپلا ئېلىپ كەتتى ، شامال ھىدىڭنى .
يالغۇز كېچىدە ئىزدەيمەن ، كۈلكەڭ .
كەچۈرگىن ئازابلىدىم سېنىڭ قەلبىڭنى .
كەچۈرگىن قۇرۇتتۇم خوشپۇراق ئەتىرگۈلنى .
ساداقەتمەن قەلبكە ، قالدۇردۇم داغنى مەن
يوشۇرۇپ قويدۇم يېشىمنى دېڭىزغا ھەمە
سېنىڭ كېتىشىڭ بىلەن يوقاتتىم يۆلىنىشنى