作词 : Vn/ST
作曲 : 无
تىمتاس كېچىدە ، يالغۇز مەن كوچىدا .
يىگانە ، قەلبىمگە دەت ئەلەملەر ھەمراھ .
مەنىسىز بىلىندى ، بۇ رەڭسىز دۇنيا .
كۆپلەر دېدى باشقىنى ئەمەس ،ئۆزۈڭنى ئويلاڭ .
بەلكىم ، بەكلا ئاددىي تۇرمۇش لېكىن مۇناسىۋەتلەر مۇرەككەپ .
تاشلاپ كەتكەن خۇمسىلارغا دەپ قويدۇم ، رەھمەت .
بولدى ، بەز، ھەممە ئادەم يالغۇز كېلىپ يالغۇز كەتكەن .
كۈنلەرنىڭ بىرىدە تاشلاپ كەتكەنلەر قەدرىڭنى بېلەت يانىدۇ .
ئېگىز ئۇچقان لەگلەكمۇ ھامان ، چۈشىدۇ يەرگە .
تۇرمۇش ساڭا ئەمەس ، سەن تۇرمۇشۇڭغا تەگ .
ئۆزۈڭ ئۈچۈن تىرىشمىساڭ، ھاياتىڭ نېمە مەنە .
تۇرمۇشنىڭ كۈلكىسى پەقەتلا ساڭا قىلغان تەنە .
خاتىرەڭنى ئاچقان چاغدا ئېسىڭدە بۇرۇنقى چاغلا .
ئاخىرىغىچە ھەمراھ بولىمىز دېگەنلەر ، ئەمدى ، يىراققا .
ئەي دوستۇم-- يېشىڭنى تۆكمە تۇرمۇش سېنى يېقىتىدۇ قەددىڭنى تىك تۇتە
تۇرمۇش خۇددى دېڭىز بولسا بىز قىرغاققا بەكلا يىراق
نىشاننىڭدىن ئازمىساڭلا قاراڭغۇدا يانىدۇ سەن ئۈچۈن چىراغ
ئىلگىرى كۆڭلۈم خۇشال ئىدى ئۇ يېنىڭدا بولغان
دەردىڭنى ھېچكىم بىلمەيدۇ چۈنكى جۈپ كۆزلىرىڭ كۈلۈپلا تۇرغان
كۆزلىرىڭنى تېشىپ چىقسا تارام تارام ياش
بەكلا ئاددىي سەۋەبى چۈنكى سەۋەپ بولغان بوران
تۆكۈلدى كۆزۈڭدىن مارجاندەك ياشلار
جىق ئىشلارنى ئويلىماي يېڭى باشتىن باشلا
تاللىشىڭنى ھۆرمەتلەيمەن كۈنلىرىڭ خۇشاللىققا تولدى
سەن يوق بېغىمدا غۇنچە گۈللەر سېغىنىپ سېنى خازان بولدى
ئەلمىساقتىن قەدىرسىزدۇر ياندا بارى(ياندا بارى)
ئىنسان شۇنداق يوق ، نەرسىنىڭ ئىنتىزارى(ئىنتىزارى)
كۈز كەلمەستىن غازاڭ بولدى پەرۋىش قىلغان غۇنچە گۈلۈڭ
كۆڭلۈڭ يېرىم ۋارقىرىساڭمۇ چىقمىدى ئۈنۈڭ
سەرسانلىقتا ئۆتتى سېنىڭ يالغۇز كۈنلۈرۈڭ
تىمتاس كېچىدە پەقەت ساڭا ھەمراھ زۇلمەت تۈنلىرىڭ
يۈرۈكۈڭ نۇرغۇن كىشى ئاغرىتتى دېسەممۇ كەچۈردۈڭ
ھەمدە شۇ يۈرىكىڭدىن مەڭگۈلۈككە ئۆچۈردۈڭ