作词 : Kasim Sidik
作曲 : Xamxidin Mijit
بەزىلەر مالۇ دۇنيارىمغا دوس
تۈككىچە يانچۇقتا بارىمغا دوس
بەزىلەر مالۇ دۇنيارىمغا دوس
تۈككىچە يانچۇقتا بارىمغا دوس
مەن پەقەت ئاپئاق كۆڭۈلنىڭ دوستىمەن
خومسىلا ھەتتاكى يارىمغا دوس
قىينىلىپ كەتمەننى چاپسام بىرسى يوق
پاتساھارۋام لايدا تارتسام بىرسى يوق
ئۇخلىماي توپاننى ئاتسام بىرسى يوق
چەشلىسەم تەييارىمغا دوس
زادى تۈگىمەس ھىلىسى قۇۋ تۈلكىدەك
قىلسا يالغان قاملىشا راس كۈلكىدەك
مەن نادانغا كۆڭلىدە ئۆچ ئۆلگۈدەك
كۈلكەمگە دۈشمەن قايغۇ ئاھ زارىمغا دوس
قىلسا شىرىن سۆزلىرى باش قاينىتار
ئارقامدىن غەيۋەتتىن نە قازانلار قاينىتار
ئارقامدىن غەيۋەتتىن نە قازانلار قاينىتار
قوللىرىنى شىلتىشىپ مۇش ئوينىتار
كەلسىگەر دەردۇ بالايىمغا دوس
ئۇشبۇ دوستىن پايدا كۆرمەس ھېچ كىشى
نامى دوستۇر ئەسلا دۈشمەن قىلمىشى
يوللۇرمغا ئورا كولاشتۇر ئىشى
ھەر قاچان جەۋرى دىشۋارىمغا دوس
ھەر قاچان جەۋرى دىشۋارىمغا دوس