作词 : Abduwali Hamar
作曲 : Askar Muhtar
编曲 : Askar Muhtar
گۈلگە ئاشىق بۇلبۇلنى زار يىغلىتىپ،
جۇدۇن كىلىپ گۈلنى خازان قىلمىسۇن.
گۈلخان كەبى يۈرەكلەرنى مۇزلىتىپ،
مۇھەببەتتە ۋەدە يالغان بولمىسۇن.
گۈلخان كەبى يۈرەكلەرنى مۇزلىتىپ،
مۇھەببەتتە ۋەدە يالغان بولمىسۇن.
نەقرات
كۈلەلەمدۇ گۈزەل ئارزۇ تىلەكلەر،
بىريار ئۈچۈن سۇقالمىسا يۈرەكلەر.
گۆرگە لايىق تىلدىن دىلى بۈلەكلەر،
مۇھەببەتتە ۋەدە يالغان بولمىسۇن .
ۋەدە يالغان ۋەدە يالغان بولمىسۇن.
مۇزىكا ♬♬♬Music
چىن سۈيەيلى ئالداشمايلى ئۆز ئارا،
يۈرەكلەرگە ئىز سالمىسۇن دىل يارا.
يالغانچىلار يۈزى بولسۇن قاپ قارا
مۇھەببەتتە ۋەدە يالغان بولمىسۇن.
يالغانچىلار يۈزى بولسۇن قاپ قارا
مۇھەببەتتە ۋەدە يالغان بولمىسۇن.
نەقرات
كۈلەلەمدۇ گۈزەل ئارزۇ تىلەكلەر،
بىريار ئۈچۈن سۇقالمىسا يۈرەكلەر.
گۆرگە لايىق تىلدىن دىلى بۈلەكلەر،
مۇھەببەتتە ۋەدە يالغان بولمىسۇن .
ۋەدە يالغان ۋەدە يالغان بولمىسۇن.
ۋەدە يالغان ۋەدە يالغان بولمىسۇن.