作词 : iskender Semet
作曲 : iskender Semet
قومۇل بوستان
ئاكورتلاشتۇرغۇچى:ئابدۇسالام ئابدۇسوپور
تەرجىمان:دىلمۇرات تەلئەت
ئاۋاز ئۈنۈم:ئەلى ئاقسوپا
گۈل چېچەككە ئورالغان گۈلدىن گۈزەل يارالغان ،

گۈل گۈلىستان باغلىرىدىن خۇشپۇراقلار تارالغان ،

جەننەت كەبى بۇ ماكان يۇرتىمىز قومۇل بوستان .
مۇزىكا
قارلار ياغار يازلاردا باغداش دېگەن تاغلاردا ،

ئاقار ئەركەك سۇلىرى ئۆركەش ياساپ غوللاردا ،

سۆيۈندۈرگەن دىللارنى يۇرتىمىز قومۇل بوستان .
مۇزىكا
يايلايدۇ شوخ تۇلپارلار سەرۋەڭ دېگەن تاغلاردا ،

سايراپ تۇرار بۇلبۇللار ئارتام دېگەن باغلاردا ،

ساپ ھاۋالىق كۆك ئاسمان يۇرتىمىز قومۇل بوستان .
مۇزىكا
تەرىپلىنەر تىللاردا سەندە بۈيۈك ئارمانلار ،

ئۇنتۇلمايدۇ دىللاردا ئۆلمەس مۇقام داستانلار ،

قەلبىمىزدە شەرەپشان يۇرتىمىز قومۇل بوستان .