作词 : 无
作曲 : 无
يارىم دېگەيسەن
مۇقامدىن پارچە
ئاكورتلاشتۇرغۇچى:مۇراتجان مۇختەر
تەرجىمان:دىلمۇرات تەلئەت
ئاۋاز ئۈنۈم:ئەلى ئاقسوپا
قاشلىرىڭ قارا قارا كىرپىكلىرىڭ زىرۇ زىۋەر،
قاشلىرىڭ قارا قارا كىرپىكلىرىڭ زىرۇ زىۋەر،
يار ئوتۇڭدا مەن كۆيەرمەن سەن يۈرۈيسەن بىخەۋەر .
ئا...بى يارىم دېگەيسەن، ئا بى...جانىم دېگەيسەن .
مۇزىكا
قاشنى قاشقا ئۇلىسا بۇغدايغا باغلىق بولغۇدەك ،
قاشنى قاشقا ئۇلىسا بۇغدايغا باغلىق بولغۇدەك ،
يېڭى يار تۇتقان كىشى سەۋدايى ئاغرىق بولغۇدەك .
ئا...بى يارىم دېگەيسەن، ئا بى...جانىم دېگەيسەن .
مۇزىكا
كۆيىمەنا كۆيىمەن قاشى قاراغا كۆيىمەن ،
كۆيىمەنا كۆيىمەن قاشى قاراغا كۆيىمەن ،
قاشىنىڭ قاراسىدىن جاننى ئالارغا كۆيىمەن .
ئا...بى يارىم دېگەيسەن، ئا بى...جانىم دېگەيسەن .
مۇزىكا
قارا قاشىم بار مېنىڭ كۆيدۈرمە قاش لازىم ئەمەس ،
قارا قاشىم بار مېنىڭ كۆيدۈرمە قاش لازىم ئەمەس ،
بىر ئاداشىم بار مېنىڭ ئىككى ئاداش لازىم ئەمەس .
ئا....بى يارىم دېگەيسەن، ئا بى....جانىم دېگەيسەن .
ئا...بى يارىم دېگەيسەن، ئا بى...جانىم دېگەيسەن .