作词 : ilhamjan Muhemmed
作曲 : Jesur Ablet杰苏尔
编曲 : Ablet Ablikim阿布来提阿布力克木
弦乐演奏 : 亚洲爱乐乐团
كىمدۇر سىز
تىكستى :ئىلھامجان مۇھەممەد
مۇزىكسى: جەسۇر ئابلەت
ئاكوردلاشتۇرغۇچى:ئابلەت ئابلىكىم
ئىجرا قىلغۇچى:جەسۇر ئابلەت
كىمدۇرسىز قەيەردە كۈتتىڭىز مېنى،
ھىچ خەۋەر بەرمەستىن دىدارىڭىزدىن.
بەختىڭىز ئۇتۇشقا ئۈلگۈرەلمىگەن،
رەنجىمەڭ مەن كەبى بىچارىڭىزدىن.
بەختىڭىز ئۇتۇشقا ئۈلگۈرەلمىگەن،
رەنجىمەڭ مەن كەبى بىچارىڭىزدىن.
خۇددى سىز ئىسمىمنى توۋلايدىغاندەك،
خىيالغا پاتىمەن گاھى تۇيۇقسىز.
ئالدىراپ توختۇتۇپ قەدەملىرىمنى،
ئىزدەيمەن ۋەلىكىن ھېچ يەردە يوقسىز.
ئالدىراپ توختۇتۇپ قەدەملىرىمنى،
ئىزدەيمەن ۋەلىكىن ھېچ يەردە يوقسىز.
ئالدىراپ توختۇتۇپ قەدەملىرىمنى،
ئىزدەيمەن ۋەلىكىن ھېچ يەردە يوقسىز.
خاتىرە قالدۇردۇم كۈز پەسلى بىلەن،
ئېلىندى سۈرەتكە يىگانە تۇرقۇم.
خاتىرە قالدۇردۇم كۈز پەسلى بىلەن،
ئېلىندى سۈرەتكە يىگانە تۇرقۇم.
شۇنداق بىر ئۈمۈدنىڭ پەرۋانىسى مەن،
بىر كۈنى يولۇمدا ئۇچرايسىز چوقۇم.
شۇنداق بىر ئۈمۈدنىڭ پەرۋانىسى مەن،
بىر كۈنى يولۇمدا ئۇچرايسىز چوقۇم.
شۇنداق بىر ئۈمۈدنىڭ پەرۋانىسى مەن،
بىر كۈنى يولۇمدا ئۇچرايسىز چوقۇم.
بىر كۈنى يولۇمدا ئۇچرايسىز چوقۇم.
شىنجاڭ سابا مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئەسىرى『新疆萨巴文化传播有限公司』出品