作词 : Jesur Ablet杰苏尔
作曲 : Jesur Ablet杰苏尔
编曲 : Jesur Ablet杰苏尔
يىغلىما
تېكىسىتى: جەسۇر ئابلەت
مۇزىكىسى: جەسۇر ئابلەت
رويالدا: جەسۇر ئابلەت
بولدى ئەمدى يىغلىما
ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمدى ياش ئاققۇزما
تاپتى بەلكىم باشقىنى
سەن ئەمدى ئۇنى ساقلىما
بولدى ئەمدى يىغلىما
بىلىمەن ئارزۇيۇڭ سىنىڭ بىر پەقەت
بىرگە ئۆتسەڭ شۇنىڭ بىلەن تا ئەبەد
ئامالىم يوق ،كەچۈرگىن مىنى
يىغلىما يىغلىما ،ئارام بەرگىن ماڭا
يىغلىما يىغلىما ئۆتۈنەي مەن ساڭا
مۇزىكا
بولدى ئەمدى ئويلىما
ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن شۇ ۋاقىتلار
ئۇ ئەمدى ياتنىڭ يېنىدا
ئۆزۈڭنى بۇنچە قىينىما
بولدى ئەمدى ئويلىما
بىلىمەن ئارزۇيۇڭ سىنىڭ بىر پەقەت
بىرگە ئۆتسەڭ شۇنىڭ بىلەن تا ئەبەد
ئامالىم يوق ،كەچۈرگىن مىنى
ئويلىما ئويلىما،ئارام بەرگىن ماڭا
ئويلىما ئويلىما، ئۆتۈنەي مەن ساڭا