作词 : Ablimit Turdi
يۈرەگىمنى ئەلەمدە قويدۇم
دەرتلىرىمگە ئۆلگىدەك تويدۇم
يىغلاپ تۇرۇپ كەچمەكچى بولدۇم
تەقدىر ئاچچىق ياماندۇر تۆھمەت
ھېس قىلغانتىم ياشلىقنى سەندىن
سۆيگەن ئىدىم روھ بىلەن تەندىن
ئاغرىنىشىڭ ھەق جانانىم مەندىن
تەقدىر ئاچچىق ياماندۇر تۆھمەت
ھاقارەتنى ماڭىلا ياغدۇر
ساداقەتنى ئۆزۈڭگە قالدۇر
ئازابىمنى ئويلايمەن بالدۇر
تەقدىر ئاچچىق ياماندۇر تۆھمەت
يىغلاپ تۇرۇپ كەچمەكچى بولدۇم
چاچلىرىمنى چىدالماي يۇلدۇم
مۇھاببەتتە ئازابقا تولدۇم
تەقدىر ئاچچىق ياماندۇر تۆھمەت