نۇر چاقنىدى كۆزۇمدىن باقسام جامالىڭىزغا
قەلبىمنى پارە ئەيلەپ قىلغان سالامىڭىزغا
قىلىپ پىدا جىنىمنى ماڭلايدا خالىڭىزغا
جان تەندە مۇڭ كەچۈرمەن ھەر بىر جاۋابىڭىزغا
ئوتنى يىقىپ يۇرەككە ئەي بىۋاپا نىم دەيسىز
ئىشقىڭىزدا كۆيدۇم مەن زەرە غەم يىمەيسىز
ئوتقا سىلىپ جىنىمنى ھالىڭ نىچۇك دىمەيسىز
ئارتۇق چىداش بىرەلمەي كەلدىم جانابىڭىزغا
ئەيىپ كۆرمەڭ جانانىم مەنمۇ سىرىمنى ئىيتاي
قاچانغىچە مۇھەببەت دەردىنى يەككە تاتاي
بەڭۋاشلىقىمنى تاشلاپ ئەمدى ئۆزۇمگە قايتاي
تەشنالىقىمنى سۇركەي دەرمان پىيالىڭىزغا
ئەيىپ كۆرمەڭ جانانىم مەنمۇ سىرىمنى ئىيتاي
قاچانغىچە مۇھەببەت دەردىنى يەككە تاتاي
بەڭۋاشلىقىمنى تاشلاپ ئەمدى ئۆزۇمگە قايتاي
تەشنالىقىمنى سۇركەي دەرمان پىيالىڭىزغا
كەلسە باھار قىزىل گۇل چاشقايپۇراقلىرىنى
بۇلبۇلنىڭ زوقى بىلەن باشلار قوشاقلىرىنى
كاككۇكمۇ زەينىۋىدىن تاپقان ھەر شاد نۇرىنى,
ھالىمغا سز يىتەمسىزكەلسەم خىيالىڭىزغا