作词 : Nahxa
作曲 : Nahxa
编曲 : Nahxa
بىر تىزىق مارجان بىر دەستە گۈلدەك،
ئۆتكەن ئىدۇق ساۋاقداش بولۇپ.
ئەمدى بىز بۈگۈن ئايرىلار بولدۇق،
جۇدالىق يېشى كۆزلەرگە تولۇپ.
ئەمدى بىز بۈگۈن ئايرىلار بولدۇق،
جۇدالىق يېشى كۆزلەرگە تولۇپ.
مۇزىكا
قالدى ئەسلىمە ياتاق سىنىپتا،
قالدى رىشتە باغلانغان ماكان.
كەتسەكمۇ يىراق يىراق جايلارغا،
بىزلەر ساۋاقداش ساۋاقداش ھامان.
كەتسەكمۇ يىراق يىراق جايلارغا،
بىزلەر ساۋاقداش ساۋاقداش ھامان.
جۇدالىق يېشى تۆكۈلدى بۈگۈن،
ئايرىلىشقا چىدالماي ئەجەپ.
جۇدالىق يېشى تۆكۈلدى بۈگۈن،
ئايرىلىشقا چىدالماي ئەجەپ.
ئۆكسۈپ ئۆكۈنۈپ گاھى كۈلۈشۈپ،
خوشلاقماقتىمىز ئاق يوللار تىلەپ.
ئۆكسۈپ ئۆكۈنۈپ گاھى كۈلۈشۈپ،
خوشلاقماقتىمىز ئاق يوللار تىلەپ،
خوشلاقماقتىمىز ئاق يوللار تىلەپ.