ئېلىپ كەلدى ھىدىڭنى شامال
يەنە سېنى ئىسىمگە سېلىپ
ئايمۇ غەمكىن گويا مەندەكلا
تۇرار مەيۇس بوينىنى قىسىپ
نېمىشقىكىن شۇنداق كۈنلەردە
سەن يادىمغا يىتەرسەن ئاۋۋال
پىچىرلايمەن ئۆزەمگە ئۆزەم
سىرلارىمنى ئەپ كەلدى شامال
نېمىشقىكىن شۇنداق كۈنلەردە
سەن يادىمغا يىتەرسەن ئاۋۋال
پىچىرلايمەن ئۆزەمگە ئۆزەم
سىرلارىمنى ئەپ كەلدى شامال
ئېي شامال ئەي شامال
سىرلارىمنى ئەپ كەلدى شامال
يامان ئىكەن سېغىنىش دېگەن
ئۆرتەيدىكەن ۋېجداننى ئەلەم
يامان ئىكەن سېغىنىش دېگەن
ئۆرتەيدىكەن ۋېجداننى ئەلەم
يۈرەك كۆيسە بىراۋغا ئەگەر
شامالغىمۇ يىغلاركەن ئادەم
يۈرەك كۆيسە بىراۋغا ئەگەر
شامالغىمۇ يىغلاركەن ئادەم
ئېي شامال ئەي شامال
سىرلارىمنى ئەپ كەلدى شامال
يامان ئىكەن سېغىنىش دېگەن
ئۆرتەيدىكەن ۋېجداننى ئەلەم
يامان ئىكەن سېغىنىش دېگەن
ئۆرتەيدىكەن ۋېجداننى ئەلەم
يۈرەك كۆيسە بىراۋغا ئەگەر
شامالغىمۇ يىغلاركەن ئادەم
يۈرەك كۆيسە بىراۋغا ئەگەر
شامالغىمۇ يىغلاركەن ئادەم