作词 : RiTSAR/KOLWAK
作曲 : RiTSAR/KOLWAK
编曲 : RiTSAR/KOLWAK
« ئانامغا رەھمەت »
VERSE 1 :
توققۇز ئاي توققۇز كۈن قورساق كۆتۈرۈپ باقتىڭىز ،
تۇغۇلغاندا « جېنىم بالام » دەپ يۈرەككە ياقتىڭىز .
ئوچاق بېشىدا كۆيدى يۈزلە بۇرۇن قاردەك ئاقتىڭىز ،
بالام دەپلا ئۆتۈپ كەتتى سىزنىڭكى ياش ۋاقتىڭىز .
دادام بولسا بىر دېڭىز ، سىز دەريادەك ئاقتىڭىز ،
ھازىر ئۇيقۇڭىز بەك ئاز ياش ۋاختىڭىزدا ساقتىڭىز .
تالاي كۈنلەر ئىتىزدا ئىشلەپ ، قاتتىق-قۇرۇق ناننى چىشلەپ ،
پەرزەنت ئۈچۈن ، ئائىلە ئۈچۈن تۈگىمەس جاپا تارتتىڭىز !
تۈن كىچىدە بىز ئۇخلىساق جاپا تارتىپ كىر يۇيۇپ ،
تاڭ سەھەردە چاي قاينىتىپ ھويلا-ئارامغا سۇ قۇيۇپ . ( سۇ سېپىش )
دادام بىلەن تەڭ ئىشلەپ يەنە ئىتىزلارنى سۇغۇرۇپ ،
چۈشتە ھېرىپ ئۆيگە كىرىپ ئاشقا خېمىر يۇغۇرۇپ .
ئۆيىمىز گەرچە باي بولمىسىمۇ يوقسۇزلۇقنى چاندۇرماي ،
ئىشىك ئالدىغا كەلگەن مۇھتاجنى قۇرۇق قول ياندۇرماي .
ھەتتا قىيىن كۈندىمۇ بىزنى مەكتەپلەردىن قالدۇرماي ،
سىڭدۈرگەن شۇ مېھنىتىڭىزنى قايتۇرىمىز چوقۇم ئالدىرىماي .
ئەجرىڭىزنى بىلىپ تۇرۇپ مەن ياخشى ئوقۇيالمىدىم ،
راست گەپنى ئوچۇق دېدىم يالغاننى توقۇيالمىدىم .
كۈچ-قۇدرەتلىك تاغدەك دادا ، قوينى كەڭرى باغدەك ئانا ،
مەن خىجىل كەچۈرۈڭلار ئۈمىدلەرنى ئاقلىيالمىدىم…
بۇغدايلىقتا ، كۆكتاتلىقتا ، شاللىق ياكى پارنىكتە ،
كۈندە ئىشلەپ قاپىرىپ كەتتى قوللىرىڭىزنىڭ ئالقىنى .
2006 ، 1-ئايدا مەن ئوپراتسىيە قىلىنغاندا ،
پۇل كاملىدى سېتىۋەتتىڭىز تويلۇق ئۈزۈك ، ھالقىنى !
جىنىم ئانا ھازىرغىچە مىنى قوغداپ كەلدىڭىز ،
بۇ يۈرەكتە ئۇچقۇنلايدۇ مۇھەببەتنىڭ يالقۇنى .
مەن چوڭ بولدۇم بۇندىن كىيىن قوغداش نۆۋىتى ماڭا كەلدى ،
پۈتۈن تېنىم ، سىز ئۈچۈن سىپارتاكنىڭ قالقىنى !
Hook :
قۇياش نۇرى تۈننى يېرىپ تاڭلار قايتا ئاتقاندا ،
كىچىكىمدە ئاغرىپ قېلىپ مەن بالنىستا ياتقاندا .
دوختۇر ئاچاش يىڭنە سانجىپ ماڭا ئوكۇل ئاسقاندا ،
مەن بىلەن تەڭ يىغلايتىڭىز باغرىڭىزغا باسقاندا .
قوينىڭىز ئەڭ ئىللىق ماكان سوغۇق قىش قەھرىتاندا ،
سىز ئەتكەن تاماقلاردىن بولدۇق بىز بەھرىماندا .
ئاتا-ئانام ھاياتىمدا ئەڭ ئۇلۇغ قەھرىمانلار ،
ماڭا چەكسىز مېھىر بەرگەن ئانامغا رەھمەت…
يەردە قالماس ئەجرىڭىز ، خۇددى ئالماس قەلبىڭىز ،
بىزنى بېقىپ چوڭ قىلىش بىرئۆمۈرلۈك غەلبىڭىز .
بىزگە كۆيۈپ كەلدىڭىز ، بىزگە سۆيگۈ بەردىڭىز ،
چوڭ بولغاندا ئاندىن بىلدىم كۆپ ئىكەنغۇ دەردىڭىز .....
VERSE 2 :
ئېسىمدە بار ئون نەچچە يىل بۇرۇن چاچلىرىڭىز قاپقارا ،
يۈزىڭىزدە ھېچ قورۇق يوق ، بىر چىرايلىق ساپمۇ-ساق .
پەرزەنت ئىشقىدا كۆيدىڭىز ھەم چىن يۈرەكتىن سۆيدىڭىز ،
چىرايلارنى قورۇق باستى چاچلارغا سانجىلدى ئاق .
سوغاق بولسا دەپ تۇراتتىڭىز : _« قېلىن كەيگىن تېشىڭغا » ،
مۇھەببىتىڭىز سىڭىپ كەتكەن يىگەن ھەربىر ئېشىمغا .
كۈلپەت كەلسە بېشىمغا ، ئۈلپەت بولىسىز قېشىمدا ،
ھۆرمەت ئەمەس ئازار بەردىم 20 نەچچە يېشىمدا…
يۇمشاق ناننى بىزگە بېرىپ قاتتىق ناننى يەيتىڭىز ،
_« داداڭ گەپ قىلالمىغاچقا روھىڭ چۈشكۈن »_دەيتىڭىز .
ئالتۇن تېنىڭىز ئامان بولسۇن سىزگە يەتمىسۇن زەخمەت ،
ھەم ئانا ھەم دادا بولغان جان ئانامغا رەخمەت .
« ئانا »دىگەن ئۇلۇغ ئىنسان مۇھەببەتلىك يارالغان ،
ئۇنىڭ مېھرى پۈتۈن جاھان ، ماكانلارغا تارالغان .
شۇ سەۋەپتىن بىر قولىدا تەۋرەتسە بۆشۈكنى ،
يەنەبىر قولىدا دۇنيانىمۇ تەۋرىتەر دەپ قارالغان .
« ئانا »كۈيلەر بارچە شائىر مەغرىپتىن مەشرىققىچە ،
چۈنكى ئانىنىڭ بالىغا بەرگەن مۇھەببىتى باشقىچە .
بارچە ئۇلۇغ ئانىلىرىمىزنىڭ تېنى ساغلام تىمەن بولغاي ،
ئۆمرۈڭلار ئۇزۇن بولسۇن ياشاڭلار يۈز ياشقىچە !
ئاڭلاۋاتقان قىز ، خىيالىڭىز ئۇچۇپ كەتتى قايان ؟؟
ئەركەك بولساڭ ياشاش ئۈچۈن ئۆز كۈچۈڭگە تايان !
ئانىلار قەلبى پەرزەنت ئۈچۈن دېڭىزدەك بىپايان ،
ئۇلار مېھرىدىن ياشنايدۇ يەتتە قىتئە تۆت ئوكيان .
ئاخىرىدا مەن ئەسكەرتەي : پەرزەنتلەرنىڭ سەمىگە ،
ئاناڭ بۈيۈك ، ئاناڭ گۈزەل ئۇ گويادۇر پەرىزات .
ئەنسىرەتمە ھەركۈنى ، خاپا قىلمىغىن سەن ئۇنى ،
چىن قەلبىڭدىن سۆيسەڭچۇ ، ئېھ ! ئەقىللىق ئادىمزات…
Hook 2 :
قۇياش نۇرى تۈننى يېرىپ تاڭلار قايتا ئاتقاندا ،
كىچىكىمدە ئاغرىپ قېلىپ مەن بالنىستا ياتقاندا .
دوختۇر ئاچاش يىڭنە سانجىپ ماڭا ئوكۇل ئاسقاندا ،
مەن بىلەن تەڭ يىغلايتىڭىز باغرىڭىزغا باسقاندا .
قوينىڭىز ئەڭ ئىللىق ماكان سوغۇق قىش قەھرىتاندا ،
سىز ئەتكەن تاماقلاردىن بولدۇق بىز بەھرىماندا .
ئاتا-ئانام ھاياتىمدا ئەڭ ئۇلۇغ قەھرىمانلار ،
ماڭا چەكسىز مېھىر بەرگەن ئانامغا رەھمەت…
يەردە قالماس ئەجرىڭىز ، خۇددى ئالماس قەلبىڭىز ،
بىزنى بېقىپ چوڭ قىلىش بىرئۆمۈرلۈك غەلبىڭىز .
بىزگە كۆيۈپ كەلدىڭىز ، بىزگە سۆيگۈ بەردىڭىز ،
چوڭ بولغاندا ئاندىن بىلدىم كۆپ ئىكەنغۇ دەردىڭىز .....
2023-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى