作词 : RiTSAR/MD
作曲 : RiTSAR/MD
编曲 : KOLWAK/Lv9
« تەڭسىز دۇنيا »
Mix : Mr.Perman
V1 : RiTSAR
قەيەرلەردە ئىسراپچىلىقتا ئاش تاماقلار خار بولدى ؟
قەيەرلەردە يەنە كىملەر پۇچۇق نانغا زار بولدى ؟
كىم كىملەرنىڭ چىن ئاشىقى يەنە كىمگە يار بولدى ؟
دۇنيا شۇنچە كەڭرى بولسىمۇ بەزىلەرگە تار بولدى !
ئوخشاش دۇنيا ، ئوخشاش ۋاقىت كىملەر ئويناپ كۈلمەكتە ؟
يەنە كىملەر ئۇرۇش ، كىسەل ، ئاچلىق دەستىدە ئۆلمەكتە !
نۇرغۇن ئادەم ئويۇن-تاماشا پەيزىنى سۈرۈۋاتقاندا ،
بەزى كىشىلەر تۇرمۇش ئۈچۈن كىرپە قاقماي يۈرمەكتە …
ئەركەكلىرىمىز ئائىلەم دەپ يەڭلىرىنى تۈرمەكتە ،
خىزمەت ئۈچۈن ئۇۋالچىلىققا سۈكۈت قىلىپ يۈرمەكتە .
سۇنى تىجەپ جۈمەكتە ، پۇلنى يىغىپ كۆمەكتە ، ( پۇل يىغىدىغان كىچىك ساندۇق )
مۇساپىرلار يات شەھەردە كۆرمىگەننى كۆرمەكتە !
ناۋاي ئۇستاملا تاڭ يورۇماستا تونۇرنى قىزىتىپ ،
ياشلىرىمىز كىچىلىك كۇلۇب ، ياتاقلارنى قىزىتىپ .
كىملەرنىڭ كەپىسى يوق ؟ تۇرار جايى سوغۇق تالا ،
يەنە كىملەر ئۆيلىرىنى ھەشەمەتلىك بېزىتىپ !
Hook :
جاپاكەشنىڭ غەملىرى تولا ، بىكارچىغا غەمسىز دۇنيا ،
تىرىشچانغا بەكمۇ شېرىن ، ھورۇنغا تەمسىز دۇنيا .
پاخشىلارغا رەڭلىك ئەمما ياخشىلارغا رەڭسىز دۇنيا ،
ئادىللىقى ، تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ كەتكەن تەڭسىز دۇنيا !
V2 : MatRos
توغرا ! پۇل مال-دۇنيا ھىچ بىر كىمگە باقى ئەمەس ،
خوتۇن بالا ، تۇرمۇش غىمىدە مەي تۇتقانلا ساقى ئەمەس .
كاللىسىدا ئويلايدىغىنى ھەرگىز ئىسىل داچا ئەمەس ،
ئاچچىق كۈلۈپ دەيدۇ بولدى كەتكەن كۈنلە ئەمدى كەلمەس .
تۇنجى ناخشامدا زارلانغان مەن 23 نى دۇنيا دەپ ،
ئۆز ئويۇمدا مەندىكى بىسىم شۇنىڭ بىلەن ئازلا دەپ .
ھەيران قالدىم بىسىملىرىڭ قوشۇن توپلاپ قايتا كەلدى ،
كىملەر يەنە شاراپ ئىچىپ يامغۇرلادا سىرىتتا قالدى .
بولدى بىزنى قىيناۋەرمە ھالسىز تەننى تىنىچ قوي ،
مەيلى بۇ جان ئامانەتقۇ جاننى ئىلىپ گۆرگە قوي .
ئادىللىقنىڭ تارازىسى سۇنغان بولسا ئوڭلاپ قوي ،
بىر كۆزۈڭنى قىسما بولدى جۈپ كۆزۈڭدە قاراپ قوي .
توختىماستىن قاخشاشلىرىم پەللەككە يا يەتتىمۇ ؟
يابولمىسا ئۇدۇل بىرىپ مىسكىن يۈرەكنى ئەزىدىمۇ ؟
نىمە بولسام بولدۇم بولدى كۆزى ئوچۇق كوركەن دۇنيا ،
ياخشى يامان ئىنىق ئەمەس بولۇپ كەتتى تەڭسىز دۇنيا !
Hook 2 :
جاپاكەشنىڭ غەملىرى تولا ، بىكارچىغا غەمسىز دۇنيا ،
تىرىشچانغا بەكمۇ شېرىن ، ھورۇنغا تەمسىز دۇنيا .
پاخشىلارغا رەڭلىك ئەمما ياخشىلارغا رەڭسىز دۇنيا ،
ئادىللىقى ، تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ كەتكەن تەڭسىز دۇنيا !
V3 : RiTSAR/MatRos
ئافرىقىدا كۆرەلەيسەن ھازىرغىچە ياۋايىنى ،
سېلىشتۇرۇپ باق ئوخشامدىكەن ؟ ماداغاسقار ۋە ھاۋاينى . ( ھاۋاي تاقىم ئارىلى )
بىز كەيمىسەك كىم كىيىدۇ ؟ بادام دوپپا ، كانىۋاينى ،
نېمىشقا ئېرىق ئايرىپ كەمسىتىدۇ قارىۋاينى ؟! ( قارا تەنلىكنى )
مېنىڭلا ئەمەس ھەممىنىڭ ئاھۇ-زارىنى تىڭشاپ قوي ،
يالغۇزلۇقتا بوغۇلغان شۇ غېرىب كۈلبىنى يوقلاپ قوي .
نۇرى ئوخشاش چۈشكەن قۇياشنىڭ ھارارىتى ئوخشىمايدۇ ،
قوش تىرناقتىكى« بەخت »دىگەننى چىغىر يولغىمۇ چېچىپ قوي .
نادان كىشىلەر يالغان گەپ قىپ پايدىنىلا كۆزلەيدۇ ،
لېكىن ئاقىللار كۆپىنچە راستچىللىق بىلەن سۆزلەيدۇ .
يالغانچىغا ھە دەپ بەرسەڭ باھارنىمۇ كۈز دەيدۇ ،
ھەقىقەتنىڭ بولقىسى ھامان ساختا مىخنى تۈزلەيدۇ !
قاپىيەنىڭ سۆزلۈك كانىنى ئانچە-مۇنچە قېزىپ قويدۇق ،
قانات كېرىپ رىئال Hip-Hop ئاسمىنىنى كېزىپ قويدۇق .
ناخشا ئىسمى« تەڭسىز دۇنيا »ئەڭ ئۈستىگە يىزىپ قويدۇق ،
ھەقىقىي چىن مىسرالارنى قۇراشتۇرۇپ تىزىپ قويدۇق !!…
Hook 3 :
جاپاكەشنىڭ غەملىرى تولا ، بىكارچىغا غەمسىز دۇنيا ،
تىرىشچانغا بەكمۇ شېرىن ، ھورۇنغا تەمسىز دۇنيا .
پاخشىلارغا رەڭلىك ئەمما ياخشىلارغا رەڭسىز دۇنيا ،
ئادىللىقى ، تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ كەتكەن تەڭسىز دۇنيا !