作曲 : Abduwali sattar
编曲 : KaYsaRTohtimat
سۆزى: ئەزىمەت ئەخمەت (تاران)
مۇزىكىسى: ئابدۇۋەلى ساتتار
ئاكورتلاشتۇرغۇچى: قەيسەر توختى مەت
ئاۋاز ئۈنۈملىگۈچى: ئابدۇسەمى ئابدۇۋەلى
ئۆزۈم باراي، ئەزىزانىم كەلمىسە گەر
دىلى سۇنۇق غەمگۈزارىم كەلمىسە گەر
نېمە قىلاي يارسىز يۈرگەن چىمەنلەرنى
باغرىم ياراي، گۈلخۇمارىم كەلمىسە گەر
كەلمىسە گەر، كەلمىسە گەر، كەلمىسە گەر
مەن نە ئېتەي، يار كۆڭلىنى بەرمىسە گەر
مۇزىكا
ئېقىپ ئۆتكەن يۇلتۇزدۇر ئۇ ئاسمىنىمدا
مىڭلاپ ھەسرەت تۆكۈلىدۇ ئاھلىرىمدا
يەنە كۈتۈپ ئۆتەرمەنمۇ ياشلىقىمدا
لەۋلىرىگە مۇپتىلارىم كەلمىسە گەر
كەلمىسە گەر، كەلمىسە گەر، كەلمىسە گەر
مەن نە ئېتەي، يار كۆڭلىنى بەرمىسە گەر
مۇزىكا
خەۋەر بەردىم شاماللاردىن ئاڭا نەچچە
يەنە شۇنداق كۈتمەي ماڭا ئامال قانچە
خەۋەر بەردىم شاماللاردىن ئاڭا نەچچە
يەنە شۇنداق كۈتمەي ماڭا ئامال قانچە
باقماقتىمەن يوللىرىغا سېغىنغانچە
سۆزى شېرىن، دىل ئارامىم كەلمىسە گەر
كەلمىسە گەر، كەلمىسە گەر، كەلمىسە گەر
مەن نە ئېتەي يار كۆڭلىنى بەرمىسە گەر
كەلمىسە گەر، كەلمىسە گەر، كەلمىسە گەر
مەن نە ئېتەي يار كۆڭلىنى بەرمىسە گەر
كەلمىسە گەر، كەلمىسە