作词 : Mawlan Niyaz
كەلمىسە
ئوت ئەمەسمۇ چاچقىنى ھالىمنى بىلسە كەلمىسە
بىرسىنى دەپ مىڭ ئۆلۈپ، مىڭ بىر تىرىلسە كەلمىسە
سەن مىنىڭ ئاسماندا ئايىم، يىغلىدىم ئايدىڭ تىلەپ
يىغلا يىغلا ئاي يۈزى ئون بەش كۆرۈنسە كەلمىسە
غونچە پورەك توزىغانمىش تۆتى كەم ئاتمىش قېتىم
قان ئەمەسمۇ ياشلىرىم، قەددىم پۈكۈلسە كەلمىسە
يۈزلىرىمدىن كۆرمىدىڭمۇ، يەردىكى چاڭ توزىغان
يارنى كىم يارىم دىگەي، يارى كۆمۈلسە كەلمىسە
قىش زىمىستانلار تۈگەپ، كەلسە باھارنىڭ تەپتىدىن
كىرپىكىمدىن يارنى دەپ يامغۇر تۆكۈلسە كەلمىسە
ئەسلىرىڭدىن دالجىغايمۇ ھەرتىنىق ھەربىر تىنىق
كۆزلۈرۈمدىن ياش ئەمەس يارىم تۆكۈلسە كەلمىسە
ھالى غەمكىنلىكتە يىغلايمەن سەھەرلەر ئويغۇپ
دەم ئازاپلىق كۈنلۈرۈم يىلغا ئۆرۈلسە كەلمىسە
تەلمۈرۈشلەردىن قۇتۇلسام دەيدۇ ئىبرەت تولغۇنۇپ
تۈندە يىغلاپ تاڭغىچە يولدا يۈكۈنسە كەلمىسە