作词 : Elyar Muhemmed
作曲 : Elyar Muhemmed
编曲 : Elyar Muhemmed
ئانارخان
سۆزى،مۇزىكىسى:شۆھرەت رېھىم
******مۇزىكا******
ئىشىگىمنىڭ ئالدىدىن بىر ساي ئاقار
ساي بويىدا سۇغا چىققان قىز ياقار
كۆزلىرى چاقنايدۇ سۇدىنمۇ تىنىق
نازلىنىپ كەينىگە قايرىلىپ باقار
گۈلدىن گۈزەل ئانارخان
جاننى ئالار ئانارخان
******مۇزىكا******
قاشلىرىغا ئوسما قويسا ئەجەپمۇ ياراشىپتۇ
ناخشا ئېيتسا كۈيلرىگە سۆزلىرى ياراشىپتۇ
بىر قاراپلا كۆيدۈردىڭىز ئانارخان
بۇ يۈرەكنى ياندۇردىڭىز ئانارخان
گۈلدىن گۈزەل ئانارخان
جاننى ئالار ئانارخان
ھەي ئانارخان ئانارخان
جاننى ئالار ئانارخان
******مۇزىكا******
مەلىمىزدە توي ئاۋازى ياڭرىسۇن ئەلچى قوياي
ئەتىيازدىن ساپ بېقىلغان ئەڭ سېمىز قوينى سوياي
نەغمە ناۋا ياڭراپ كەتسۇن ئوينايلى
ئاتا ئانا رازى بەخىتلىك بولايلى
گۈلدىن گۈزەل ئانارخان
جاننى ئالار ئانارخان
ھەي ئانارخان ئانارخان
جاننى ئالار ئانارخان