作词 : Halik
作曲 : Halik
ئانارخان
قومۇل 12 مۇقامىدىن ئارىيە
ئاكورتلاشتۇرغۇچى:مۇراتجان مۇختەر
ئۈنۈم : ئايبات
تەرجىمان : ئەزھەرجان مەھمۇد
گۈل قىسىپمۇ كەلمەپسەن بېغىڭدا گۈلۈڭ يوقمۇ
ئاچمايسەن چىرايىڭنى كۆڭلۈڭدىكى يار يوقمۇ
گۈل قىسقان مېنىڭ يارىم
قاراپ تۇرغان سېنىڭ يارىڭ
مۇزىكا
گۈل قىسىپمۇ چىقمايسەن گۈلۈڭ يوقمىدى يارىم
يار قېشىڭدا بولغاچقا كۆڭلۈڭ توقمىدى يارىم
گۈل قىسقان مېنىڭ يارىم
قاراپ تۇرغان سېنىڭ يارىڭ
سېنىڭ يارىڭ ئاييارەي
مۇزىكا
ئانارخان ئۆزى ئوبدان ئانىسى يامان
ئاخشىمى باراي دىسەم ۋەدىسى يالغان
ئانارخان يارىمەي
دوست ئانارخان جان گۈلچەرىخان
گۈلچەرخان ئۆلۈپ كەتسە قالماس تەندە جان
ئانارخان يارىمەي
مۇزىكا
يىراق بولۇپ يېقىن بولۇپ داۋانى يوقتۇر
مەن يارىمنى ئىزلەپ تاپسام ئارمانىم يوقتۇر
ئانارخان يارىمەي
دوست ئانارخان جان گۈلچەرىخان
گۈلچەرخان ئۆلۈپ كەتسە قالماس تەندە جان
ئانارخان يارىمەي
دوست ئانارخان جېنىم گۈلچەرىخان
گۈلچەرخان ئۆلۈپ كەتسە قالماس تەندە جان
ئانارخان يارىمەي
قالماس تەندە جان
ئانارخان يارىمەي