作词 : X-NJ
作曲 : X-NJ
VERSE:1
تىكىسلىرىم ئاددى ئۆزۆم ئاددى ئادەم،
كەيپىياتقا قويدۇم بۈگۈن ئاستا قەدەم.
ناچار بۇلسۇن بۇلمىسۇن بۈگۈنۈمنىڭ كەيپىياتى،
ئالىۋىرىمىز نەپەس ھەرخىل ھايات تەسىراتى.
ئۆزىمىزنى بۇلغىمىدۇق يىشىلمىغان كەمەر،
بىزنىڭ باللا قىقاس ئاخسا شەمەر.
بىز ئەزەلدىن ئېسىلمىغان باشقىلارنىڭ ئېغىغا.
گەپنى ئويلىشىپ قىل تولا جېدەل تېرىماي،
قولۇمدا رومكا ئۈستەلدە بولكا،
قېنى ئۆزەڭ تاللا بۇلۇڭدا سومكا .
پەلسەپە سۆزلىرىڭنى ئالدىمغا قويما،
پەلسەپە رېئاللىقتا ئاقمايدىغان سويما .
ئادەم دەپلا كۆرگەنلىرىم يېنىمدا كۆپەيدى،
ئادەم ئادەملەرگە ئىشەنمەيدىغان بۇلدى.
چۈنكى ئادەم ھەممىنى ئۇنۇتتى،
ۋاقىت ئادەملەرنى ھەقىقى تونوتتى.
HOOK:1
بۈگۈنكى ئىرادەم ئەمەس قۇرۇق خىيال،
بۇ سەن بىلمەيدىغان ھەقىقىي رىئال.
چۈشىنىپ كەتمىسەڭمۇ مەيلى،
ھەر بىر گېپىڭگە مەيلى دەيلى .
VERSE:2
بىزدىكى مەھسۇلات باشقىسىغا ئوخشىمايدۇ،
چەۋەنداز ئۆزىنى ئولجىغا ئوخشاتمايدۇ.
توختاتمايدۇ قەدەم سادىقلىق قەسەم،
ئۆزگەرمەيدۇ مەقسىتى يۈت سىمۇ ئەلەم.
شەھەردىكى نوچى تونۇيدۇ پۇلنى،
پۇلنى ساناپ تۇرساڭ سۆيىدۇ قولنى.
بەزىلەرنىڭ ھاياتى باغلانغان پۇلغا،
ئۇلار شۇنداق ئايلانغان پۇلنىڭ قولىغا .
يانچۇقۇڭنى كولا چىقتى كەيپ دورا،
بېرىپ مەھەللەڭگە ئاغىنەڭنى توۋلاپ.
مانا بۇ بىزدىكى ھەقىقىي تۇرمۇش،
بار جەمىيەتتە ئۇرۇپ سوقۇلۇش.
ماڭا يالغان ھىجايما كۆزۈمدىن يوقۇلۇش،
قائىدە با مېھماننى ئۇزۇتۇپ قويۇش.
يايرىمغا ئاشنا دوسنىمۇ كۆردۈم،
ھەممىنى ئۆزۈم ئىچىمدىلا بۈلدۆم.
HOOK: 2
بۈگۈنكى ئىرادەم ئەمەس قۇرۇق خىيال،
بۇ سەن بىلمەيدىغان ھەقىقىي رىئال.
چۈشىنىپ كەتمىسەڭمۇ مەيلى،
ھەر بىر گېپىڭگە مەيلى دەيلى .
VENSE:1