作词 : X-NJ
作曲 : X-NJ
VEESE:1
باشلاشقا ئامال يوق يىگىرمە بەش نى نۆلدىن،
دېڭىز يەنىلام چوڭ دەريا ئېقىن كۆلدىن.
كۆڭلۈڭ ئازار يەيدۇ خاتا قىلغان سۆزدىن،
سىنىلىدۇ ئادەم يانچۇقتىكى يۈزدىن،
ھازىرقى دوستىمىز سىناق ئالدىدا مەۋھۇم.
ئەقلىمنىڭ كۆرسەتكىنى يالغۇزلۇق تەلپۈن.
كېلىپ بولغان راستچىللىققا ئاللىبۇرۇن كەلكۈن،
ھاياتنىڭ سىنقىدا بورانلاردا يەلپۈن،
چۈشەندۈرۈپ باقاي كۆڭلۈمدىكى سۆزنى،
ئىشەنمەيسەن بەلكىم ياشلىساممۇ كۆزنى.
كەچۈرۈم سورايمەن ھازىر پەقەت ئۆزۈمدىن،
كۆزۈمدىكى ياش سىرغىپ چۈشتى يۈزۈمدىن.
كىم ئاڭلاپ باققان يۈرەكتىكى سادانى،
ئۆزىمىزلا تارتىمىز پىغان ئازاب جاپانى.
ھەممىسى كۆرسىتىدۇ يولۇڭدىكى خاتانى،
سېنىڭكىگە تەڭ قىلمايدۇ ئۆزىدىكى ساپانى .
VERSE2
دوسدەپ ئالداپ قۇرۇپ بۇلۇپقاپقان،
ئوينۇتۇپ كاللا مۇداپىيە قالغان،
بۇ مۇشۇنداق زامان مانا بۇ دوستلۇق،
بۇنداق دوستلۇق راست قورقۇنۇشلۇق،
ئەكىلىشنى خالىمايدۇ ھېچكىم ئۆزىگە ئازاب.
مېنىڭ زامانداشلىرىم بەزىلىرى كاززاپ،
بەزى ئىشنى تاشلىۋەتتىم ناچار قىلىقنى،
تېڭىپ قويساڭمۇ ئاجرايدۇ يۈرەكتىكى يىرىقنى،
كۆزۈم بىلەن كۆرگەنگە ئىشىنىپ كەلگەن مەن،
خەققە ئەمەس بەلكىم ئۆزۈمگە ۋەدە بەرگەن مەن.
مەيلى بولسۇن دوستلۇق ياكى مۇھەببەت،
رايىم بەكلا ياندى ئىشەنمەيمەن تائابەت.
ئىككىلىسىدە يوقتۇر ھۆرمەت بىلەن ساداقەت،
شۇڭا تاپتىم يالغۇزلۇقتىن خاس ئۆزۈمگە سالاپەت.
ئۆزىمىزدىن باشقىسى قەدىرىمىزگە يەتمىگەن،
ھەرقانداق بىر ئىنسانغا مەن بەك
ئىشىنىپ كەتمىگەن،
VENSE:1