作词 : Real-Life/KiSiR/Young-First/KEiSiER
作曲 : Real-Life/Young-First
Artist :SUR/AiKe艾克/TAN/嗯咔斯/DjMuzer
翻译: Ayzohra
封面:SUR
يىتىم بالنىڭ ھىكايىسى بۇسۆزلەردىن باشلاندى
يۈرەكتە جىق گەپلەر دۇنيا ئاڭلىماي نالىسىنى
يىتىملىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتىپ بولدى
نىمىشقا يەنە قىينايدۇ يۈرەككە ئاچچىق دەت تولدى
يىقىلىپ قالسا ئورنىدىن دەس تۇرۇپلا قوپاتتى
تۇرمۇشتىكى ئىغىر بىسىم قاپىرىتۋەتتى قوللىرىنى
ئۇرۇق تۇغقان دوسلار قايسى بىرسى ئاققانتى،
كۆرۈپ قالسا بەزىدە كۆرمىگەنگە سالاتتى
كىچىلىرى سوغۇق، توڭلاپ كەتتى تەنلىرى
ئاتا-ئانىسى بارچاغدا ئىسسىق ئىدى يوتقىنى
ئىسسىققىنە بىر قاچا ئاشقا ئىغىز تەككۈچە
قۇسۇر ئىزدەپ چىقتى دەت ئەلەملەر يەتكۈچە
يىتىملارنىڭ دەردىنى پەقەت ئۆزى بىلىدۇ
ئاتا ئانىسى بولغان بولسا ئۇنىڭمۇ كۈلگىسى كىلىدۇ
تەغدىر قىسمەت سىنامدۇ ئادەمنىڭ ئەركەك بالىسىنى
چەشىڭنى چىشلەپ چىدىغىن تىپىلىپ قالار چارىسى
يىتىملارنىڭ كۆزىدىن ياش ئاققۇزما ھەرگىز
قىيىنچىلىق كۈلپەتلەر نىرى كەتسۇن شەكسىز
يوللىرىنى ئاسان قىلغىن شۇ بىچارە قەلبىنى
پۈتۈن كۈچۈڭ قوللاپ تۇرسۇن چىكىپ يۈرەك تارىنى
ھىس قىلدىڭمۇ ئالدىڭغا نۇرغۇن توساق قويۇلدى
ئەتىراپتىكى كەمسىتىش بىرساڭىلا تىكىلدى
خەقنىڭ نەشتەر سۆزلىرى ئوقيا بولۇپ ئىتىلدى
يۈرەكتە قانلىق جاراھەت نۇرغۇن ئىزلارنى قالدۇردى
ھەكايەمنىڭ ئاخىرىدا 2كەلىمە سۆز قىلاي
بىلىپ تۇرۇپ يىتىلىقىنى ئۇنى بۇنچە خورلىما
سەندىن سوراي بىر جاۋاب بۇنداق قىلىشڭ توغرىما
ۋىجدانلىرىڭ غورۇرۇڭ مۇشۇنداق چاغدا ئۆلدىما
قىرىندىشىم دوستلۇرۇم ئامراق ئىدىم ئۇلارغا
يىتىم بولدۇم قوللۇرۇم تۈگۈلۈپ قالدى بۇلۇڭدا
كۈندە كەچتە سىرىتتا تەلمۈرەتتىم يولۇڭغا
قايتىپ كەلسەڭ بولمامدۇ جىق سۆيەتتىم قولۇڭغا
يىتىملارنىڭ كۆزىدىن ياش ئاققۇزما ھەرگىز
قىيىنچىلىق كۈلپەتلەر نىرى كەتسۇن شەكسىز
يوللىرىنى ئاسان قىلغىن شۇ بىچارە قەلبىنى
پۈتۈن كۈچۈڭ قوللاپ تۇرسۇن چىكىپ يۈرەك تارىنى