作词 : XaydeN
作曲 : XaydeN
ئۇمۇ سېنى سېغىنىدۇ دەپ
ئۆز كۆڭلۈمنى ئۆزۈم خوش ئېتەي
يەتمىسەممۇ يادىڭغا يەنە
مەيلى سېنى سېغىنىۋېرەي
مەيلى سېنى سېغىنىۋېرەي
ئارمانلارغا بېشىمنى قويۇپ
كۈن ئۆتكىچە ھەسرەتكە تولۇپ
پىراقىڭدا ئۆچمەس ئوت بولۇپ
مەيلى سېنى سېغىنىۋېرەي
مەيلى سېنى سېغىنىۋېرەي
ۋەسلىڭ ماڭا قۇچاق ئاچقۇچە
دەرتلىرىمگە سەۋرىم توشقۇچە
ۋەسلىڭ ماڭا قۇچاق ئاچقۇچە
دەرتلىرىمگە سەۋرىم توشقۇچە
رىسقىمىزنى تەغدىر قوشقۇچە
مەيلى سېنى سېغىنىۋېرەي
مەيلى سېنى سېغىنىۋېرەي
رىسقىمىزنى تەغدىر قوشقۇچە
مەيلى سېنى سېغىنىۋېرەي
مەيلى سېنى سېغىنىۋېرەي
ئۆز كۆڭلۈمنى ئۆزۈم خوش ئېتەي